باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

قەشقەر ۋىلايىتىدە 200 مىليون يۈەندىن ئارتۇق باج كەچۈرۈم قىلىنىپ، كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىلدى

2016.07.26 14:59         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (يوپۇغا ناھىيەلىك يەرلىك باج ئىدارىسىدىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئىمىنجان تۇرسۇن خەۋىرى) قەشقەر ۋىلايەتلىك يەرلىك باج ئىدارىسىگە قاراشلىق ھەر قايسى ناھىيە، شەھەردىكى يەرلىك باج ئورۇنلىرى بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار، بولۇپمۇ مىكرو، كىچىك كارخانىلار تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك 205 مىليون يۈەندىن ئارتۇق تۈرلۈك باجنى سىياسەت خاراكتېرلىك كېمەيتىپ ياكى كەچۈرۈم قىلىپ، كارخانىلارنىڭ كىچىكلىكتىن زورىيىشى، تېخنىكا ئۆزگەرتىشى، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش دائىرسىنى كېڭەيتىشىگە تۈرتكە بولۇپ، يەرلىكنىڭ تەرەققىياتىغا مەدەت بىرىش رولىنى پائال جارى قىلدۇردى.

  قەشقەر ۋىلايىتىدىكى يەرلىك باج تارماقلىرى مەركەز ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ غەربىي رايوننى ئېچىش، گۈللەندۈرۈش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش تىپىدىكى كارخانىلار ۋە مىكرو، كىچىك كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاپ، باجدىكى تۈرلۈك ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى تەشۋىق قىلىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە بولغان يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىش بىلەن بىللە، يەنە ھەر قايسى يەرلىك باج تارماقلىرىنىڭ باج كېمەيتىش، كەچۈرۈم قىلىش ئىشلىرىدا قانۇنغا تايىنىش، سىياسەتنى يېتەكچى قىلىش ۋە تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تەرتىپلىرىنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، باج تاپشۇرغۇچىلارغا قۇلايلىق يارىتىپ بېرىش، مۇلازىمەتنى ئەلالاشتۇرۇپ كارخانىلارنى بەلگىلىمە بويىچە باج كېمەيتىش، كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتىدىن ئۆز ۋاختىدا بەھرىمان قىلىش ئەھۋاللىرىنى قەرەللىك تەكشۈرۈش، نازارەت قىلىش تەدبىرلىرىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۈرلۈك باجنى سىياسەت،بەلگىلىمە بويىچە كېمەيتىش، كەچۈرۈم قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ،باج تاپشۇرغۇچىلارنى ھەقىقىي نەپكە ئېرىشتۈرۈپ، باج يۈكىنى زور دەرىجىدە يېنىكلەتتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر