- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ياپونىيەنىڭ كاناگاۋادا بىر ئەر پىچاق بىلەن 15 كىشىنى ئۆلتۈردى
2016.07.26 14:55 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ياپونىيە رادىيو جەمئىيىتى (NHK)نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شۇ جاي ۋاقتى 26-ئىيۇل سەھەر سائەت ئىككى يېرىم ئەتراپىدا، بىر ئەر پىچاق بىلەن كاناگاۋانىڭ ساگامىخارا شەھىرىدىكى بىر مېيىپلەر پاراۋانلىق ئورنىغا كىرىپ قاتىللىق قىلغان، نۆۋەتتە 15 كىشى ئۆلۈپ، 20دىن ئارتۇق كىشى يارىلانغان.
بۇ پاراۋانلىق ئورنى ياپونىيە تۆمۈريول مەركىزىي لىنىيەسى ساگامىكو بېكىتىنىڭ شەرقىگە ئىككى كېلومېتىر كېلىدىغان جايدىكى «تسۇكۇ باغچىسى»غا جايلاشقان بولۇپ، ئەتراپتا ئولتۇراق ئۆيلەر ۋە شەھەرلىك باشلانغۇچ مەكتەپ بار ئىكەن. كيۇدو ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ پاراۋانلىق مەركىزىدە ئۇزۇندىن بېرى 19 ياشتىن 75 ياشقىچە بولغان 149 مېيىپ كىشى تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقان ئىكەن.
قاتىللىق قىلغان ئەر شۇ جاي ۋاقتى سائەت ئۈچ ئەتراپىدا ساقچى تەرەپكە ئۆزىنى مەلۇم قىلدى. شۇ جايدىكى ساقچىلارنىڭ دېيىشىچە، بۇ ئەرنىڭ ئىسمى ئۇماتسو بولۇپ، بۇ يىل 26 ياشتا ئىكەن، ئۇ ئۆزىنى ئىلگىرى بۇ پاراۋانلىق ئورنىدا خىزمەت قىلغان، دېگەن. نۆۋەتتە ساقچى تەرەپ بۇ ئىش توغرىلىق تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇردى.
شۇ جايدىكى ئوت ئۆچۈرۈش تارماقلىرىنىڭ ئۇچۇرىغا قارىغاندا، ئۆلگەنلىكى جەزملەشتۈرۈلگەن 15 كىشىدىن باشقا، يەنە تۆت كىشىنىڭ يارىسى ئېغىر بولۇپ، ئۆلگەنلەر سانى يەنىمۇ كۆپىيىشى مۇمكىن ئىكەن. نۆۋەتتە يارىدارلار يېقىن ئەتراپتىكى دوختۇرخانىدا جىددىي داۋالانماقتا.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر