باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

تۈركىيە تازىلاشنى داۋاملاشتۇرماقتا

10 مىڭدىن ئارتۇق كىشى قامالدى ياكى قولغا ئېلىندى

2016.07.26 14:54         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تۈركىيەنىڭ ئىشقا ئاشمىغان سىياسىي ئۆزگىرىشكە قاتناشقۇچىلار ۋە قوللىغۇچىلارغا قارىتىلغان تازىلاش ھەرىكىتى 24-ئىيۇلمۇ داۋاملاشتى. بىخەتەرلىك قىسىملىرى سىياسىي ئۆزگىرىشنى پىلانلىغۇچى دېيىلگەن، ئامېرىكىدا سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن تۈركىيەلىك داڭلىق دىنىي زات فەتخۇللاھ گۈلەننىڭ بىر يېقىن ئادىمىنى قولغا ئالدى. شۇ كۈنىگىچە، 13 مىڭدىن ئارتۇق كىشى سىياسىي ئۆزگىرىشكە چېتىلىپ قامالدى ياكى قولغا ئېلىندى.

  ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان تۈركىيەنىڭ بىر ئەمەلدارى تۈركىيە بىخەتەرلىك قىسىملىرىنىڭ قارا دېڭىز بويىدىكى ترابزون ئۆلكىسىدە خالىس خانجىنى قولغا ئالغانلىقىنى ئېيتتى. بۇ ئەمەلدار خانجىنى گۈلەننىڭ ياردەمچىسى، ئامېرىكىدىكى گۈلەنگە مەبلەغ يەتكۈزۈپ بېرىشكە مەسئۇل، دېدى.

  تۈركىيە زوڭتوڭى ئەردوغان گۈلەننى بۇ بىر مەيدان سىياسىي ئۆزگىرىشنىڭ كەينىدىكى ئاساسلىق پىلانلىغۇچى، دەپ ئەيىپلىدى. ئەردوغان بىلەن گۈلەن ئىلگىرى ئىتتىپاقداش بولۇپ، كېيىن قارشىلاشقان. گۈلەن ئۆزىنى ئۆزى ئامېرىكىغا «پالىۋەتكەن» بولۇپ، پېنسىلۋانىيەدە ئولتۇراقلاشقان. ئەردوغان بۇنىڭدىن بۇرۇن گۈلەننىڭ قوللىغۇچىلىرى تۈركىيەنىڭ ئارمىيە، ساقچى، ئەدلىيە تارماقلىرى ۋە تاراتقۇلاردا ھۆكۈمەت بىلەن نىسبەتەن «پاراللېل تەشكىلات» شەكىللەندۈردى، دەپ ئەيىپلەپ كەلگەن ئىدى.

  گۈلەن بۇ قېتىملىق ئىشقا ئاشمىغان سىياسىي ئۆزگىرىش بىلەن ئالاقىسى بارلىقىنى قەتئىي ئىنكار قىلىپ، بۇ سىياسىي ئۆزگىرىشنى ئەردوغان ئۆزى پىلانلاپ ئۆزى قىلغان، دەپ ئەيىپلىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر