باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى يېڭىدىن ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن 86 رەھبىرىي كادىر بىلەن كوللېكتىپ پاكلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزدى

2016.07.26 15:52         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 22 – ئىيۇل 2016 – يىلى 4 – ئايدىن بۇيان يېڭىدىن ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم باشقۇرۇشىدىكى 86 كادىر بىلەن كوللېكتىپ پاكلىق سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزدى.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيەت ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى كۈچەيتىشى كېرەك. سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىنى مەڭگۈ 1 – ئورۇنغا قويۇپ، ئىدىيە جەھەتتە، سىياسىي جەھەتتە، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىسىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەركەز ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشەببۇس قىلغانغا قەتئىي ئاۋاز قوشۇش، قارارىنى قەتئىي شۇ بويىچە ئىجرا قىلىش، چەكلىگەننى قەتئىي چەكلەش كېرەك. يۈكسەك سىياسىي ھوشيارلىقنى ساقلاپ، سىياسىي ئىرادىدە چىڭ تۇرۇش، بولۇپمۇ تېررورلۇققا، بۆلگۈنچىلىككە، سىڭدۈرمىچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە بايرىقى روشەن، مەيدانى مۇستەھكەم، ھەرىكىتى ئاڭلىق بولۇش كېرەك. سىياسىي مەسئۇلىيەتنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ھوقۇققا توغرا مۇئامىلە قىلىپ، ئۆزىنى بىلىپ، پارتىيە ئۈچۈن خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش كېرەك.

  پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش ‹‹بىر ئىش ئورنىدا ئىككى مەسئۇلىيەت بولۇش››نى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشى، ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلار 1 – جاۋابكارلىق مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئادا قىلىشى، ئۆز رايونى، تارمىقى، ئورنىنىڭ سىياسىي ئېكولوگىيەسىگە، كادىرلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە مەسئۇل بولۇشى كېرەك. سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەتنى بارلىق بەنزە ئەزالىرىغا يەتكۈزۈپ، مەسئۇلىيەتنىڭ تەپسىلىي، ئىنچىكە، ھەقىقىي ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. بەنزە ئەزالىرى بۆلۈپ باشقۇرغان دائىرىدىكى پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە كادىرلار ئىستىل قۇرۇلۇشىنى ئەستايىدىل تۇتۇپ، ‹‹مەسئۇلىيەت دائىرىسى››نى ياخشى باشقۇرۇپ، پارتكوم (پارتگۇرۇپپا) شۇجىلىرىغا ياردەملىشىپ، بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش، ئىدارە قىلىش يۈكىنى ھەقىقىي تۈردە زىممىسىگە ئېلىشى كېرەك.

  پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار سىياسىي ھېساب – كىتاب، ئىقتىسادىي ھېساب – كىتاب، نام – ئاتاق ھېساب – كىتابى، ئائىلە ھېساب – كىتابى، ئەركىنلىك ھېساب – كىتابى، ساغلاملىق ھېساب – كىتابى ۋە دوستلۇق ھېساب – كىتابىنى ياخشى قىلىپ، پارتىيە نىزامنامىسى، پارتىيە قائىدىسى، پارتىيە ئىنتىزامىنى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنى، پارتىيەنىڭ فاڭجېن، سىياسەت، نەزەرىيەلىرىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، پارتىيەلىك ئېڭىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، دەرىجىمۇ دەرىجە يېتەكلەپ، يۇقىرىدىكىلەر تۆۋەندىكىلەرگە ئۈلگە بولۇپ، پاك، دۇرۇس كەيپىياتنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ‹‹پارتىيە نىزامنامىسى – پارتىيە قائىدىلىرىنى ئۆگىنىش، بىر قاتار مۇھىم سۆزنى ئۆگىنىش، لاياقەتلىك پارتىيە ئەزاسى بولۇش›› نەمۇنىچىلىرىدىن بولۇپ، ھاكىمىيەت ئىشلىرىدا پاك بولۇش، ھوقۇق ئىشلىتىشتە پاك بولۇش، پاكلىق جەھەتتىن ئۆزىنى كامالەت تاپقۇزۇش، پاكلىقى بىلەن ئائىلە باشقۇرۇش نەمۇنىچىلىرىدىن بولۇپ، تىرىشىپ ‹‹سىياسىي جەھەتتە، ئىقتىدار جەھەتتە، ئىستىل جەھەتتە، پىسخىكا جەھەتتە كۈچلۈك›› تۆتتە كۈچلۈك كادىرلار، ‹‹چۈشىنىش ئىقتىدارى، ئىجرا قىلىش ئىقتىدارى، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئىقتىدارى›› يۇقىرى كادىرلاردىن بولۇشى كېرەك.

  يېڭىدىن ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن بەش رەھبىرىي كادىر پوزىتسىيەسىنى بىلدۈرۈپ پىكىر بايان قىلدى.

  پاكلىق سۆھبىتىدىن بۇرۇن، يېڭىدىن ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن رەھبىرىي كادىرلار پارتىيە نىزامنامىسى، پارتىيە قائىدىسى، پارتىيە ئىنتىزامى بىلىملىرىنى ئۆگىنىش، ئىگىلەش ئەھۋالىدىن يېپىق ئىمتىھان بەردى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر