باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىنىڭ 6 - ئايدىكى دەل ۋاقتىدا ئۇچۇرۇش نىسبىتى مەملىكەت بويىچە يەنە 1 - ئورۇنغا ئۆتتى

2016.07.26 15:51         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسى سانلىق مەلۇمات ئانالىز سىستېمىسىدا 7 - ئىيۇل 2016 - يىلى 6 - ئايدىكى «دۇنيادىكى ئايرودۇرۇملارنىڭ دەل ۋاقتىدا ئۇچۇرۇش نىسبىتى دوكلاتى» ئېلان قىلىندى، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىنىڭ دەل ۋاقتىدا ئۇچۇرۇش نىسبىتى %82.13 بولۇپ، 4 - ئايدىن كېيىن چوڭ قۇرۇقلۇق رايونىدىكى « 10 مىليون دەرىجىلىك» ئايروپورتلار ئىچىدە دەل ۋاقتىدا ئۇچۇرۇش نىسبىتى بويىچە 1 - ئورۇنغا ئۆتتى. تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىنىڭ 6 - ئايدىكى دەل ۋاقتىدا ئۇچۇرۇش نىسبىتى ئاسىيا، تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ئايروپورتلار ئىچىدە 19 - ئورۇنغا ئۆتۈپ، شۇ ئايدا ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ئالدىنقى 20 نىڭ ئىچىگە كىرگەن جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى بىردىنبىر ئايروپورت بولۇپ قالدى.

  ئۈرۈمچى خەلقئارا ئاۋىياتسىيە تۈگۈنى قۇرۇلۇشىنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، ئايروپورتنىڭ قاتتىق دېتال ئەسلىھەلىرى، مۇلازىمەت سۈپىتى قاتارلىقلار زور دەرىجىدە ياخشىلىنىپ، ئايروپورتنىڭ دەل ۋاقتىدا ئۇچۇرۇش نىسبىتى كۆرۈنەرلىك ئاشتى. بۇ يىل 4 - ئايدىن بۇيان شىنجاڭنىڭ ھاۋارايى شارائىتى ياخشى بولدى، ئۈرۈمچى ئايروپورتى يەر يۈزى كاپالەتلەندۈرۈش بايلىقلىرىنى ئۈزلۈكسىز بىرىكتۈرۈش، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بىرلەشمە ھەرىكەت مېخانىزمى ئورنىتىش بىلەن بىللە، يېڭىدىن ياسالغان «2 - پاراللېل ئۇچۇش - چۈشۈش يولى»دىن تولۇق پايدىلىنىش، «ئۇچۇش - چۈشۈش يولىدا تولۇق ماڭدۇرماي ئۇچۇرۇش» لايىھەسىنى يولغا قويۇش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق ھاۋا قاتنىشىنى باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ ئۇچۇشىنى تەڭشەپ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ياردەمچى كۈچ بولۇپ، ئايروپىلاننىڭ يەر يۈزىدە سىيرىلىپ مېڭىش ۋاقتىنى قىسقارتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنى ئۇچۇرۇش ئۈنۈمىنى ئۆستۈردى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر