باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىز يېشىل يادرو ئېنېرگىيەسىنى پائال راۋاجلاندۇرۇپ، يادرو ئېلېكتىر ماشىنا گۇرۇپپىسى قۇرۇش كۆلىمى بويىچە دۇنيادىكى ئالدىنقى قاتارغا ئۆتتى

2016.07.26 14:53   مەنبە: خەلق تورى

ئېلىمىز يېشىل يادرو ئېنېرگىيەسىنى پائال راۋاجلاندۇرۇپ، يادرو ئېلېكتىر ماشىنا گۇرۇپپىسى قۇرۇش كۆلىمى بويىچە دۇنيادىكى ئالدىنقى قاتارغا ئۆتتى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 9-نۆۋەتلىك خەلقئارا ياشلار يادرو ئېنېرگىيە يىغىنى 26-ئىيۇل تۇنجى قېتىم ئېلىمىزدە ئېچىلدى، 32 دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن 500 گە يېقىن يادرو پەن-تېخنىكىسىدىكى ياش مۇتەخەسسىس خاڭجۇ شىزىخۇ كۆلىگە جەم بولۇپ، يادرو ئېنېرگىيەسىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇپ ئورتاق ئىزدەندى. مۇخبىرنىڭ يىغىندىن ئىگىلىشىچە، 7-ئايغىچە، جۇڭگونىڭ قۇرۇقلۇق يادرو ئېلېكتىر ئومۇمىي قۇرۇلمىسى سىغىمى 55 مىليون كىلوۋاتقا يەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە ئايلىنىۋاتقان يادرو ئېلېكتىر ماشىنا گۇرۇپپىسى 34، قۇرۇلۇۋاتقان ماشىنا گۇرۇپپىسى 20 بولۇپ، قۇرۇلۇۋاتقان يادرو ئېلېكتىر ماشىنا گۇرۇپپىسى كۆلىمى بويىچە دۇنيادىكى ئالدىنقى قاتارغا ئۆتتى.

  بۇ نۆۋەتلىك «يادرو ئېنېرگىيەسى ئارقىلىق بەختلىك تۇرمۇش يارىتايلى» ئاساسىي تېمىسىدىكى ياشلار يادرو ئېنېرگىيە يىغىنىنى خەلقئارا ياشلار يادرو ئېنېرگىيە كېڭىشى تەشكىللىگەن بولۇپ،بىر ھەپتىدە، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ياشلار ۋەكىللىرى خاڭجۇغا جەم بولۇپ، يادرو ئېنېرگىيەسى، يادرو يېقىلغۇسىنىڭ ئايلىنىشى، يادرو خەۋپسىزلىكى، يادرو سىنتېزلىنىشى، يادرو تېخنىكىسىنىڭ ئەمەلىي قوللىنىلىشى، ئاۋامنىڭ قاتنىشىشى، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش قاتارلىق قىزىق نۇقتا تېمىلىرىنى چۆرىدەپ، دۆلەت دوكلاتى، ئاساسىي مەقسەت دوكلاتى ۋە تېخنىكا مۇزاكىرىسى قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيە ئاپپاراتى قاتارلىقلار بىلەن ئورتاق پىكىر ئالماشتۇرىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·«جىددىي ھالەت» ئاستىدا تۇنجى زۇڭتۇڭ بۇيرۇقى ئىمزالاندى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ھەقلىق دەرس تولۇقلاش ۋە سوۋغات قوبۇل قىلىش مەسىلىلىرىنى تىزگىنلەيدۇ 
    ·بېيجىڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ئۆسمۈرلەر ئاخبارات تارقىتىش ئىنستىتۇتى قۇرۇلدى
    ·ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نامىدىكى ئالدامچىلىقلاردىن ساقلىناي دېسىڭىز، بەش ئىشقا دىققەت قىلىڭ
    ·تۈزۈم قەپىسىنى چىڭىتىپ، ئىلىمدىكى ناچار قىلمىشلارنى تۈزەيلى
    ·سانجى شەھىرى تەڭرىتاغ 1-نومۇرلۇق مۇزلۇقىنى قوغداش پونكىتى تەسىس قىلدى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: پىروفېسسور بولۇش ئۈچۈن چوقۇم تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىلىرىغا دەرس ئۆتۈش لازىم
    ·مەركەز تارماقلىرىغا قاراشلىق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش ئىسلاھاتى چوڭقۇرلاشتۇرۇلدى
    ·سىياسىي ئۆزگىرىشتىن كېيىنكى ئەنقەرە كوچىلىرى
    ·شىنجاڭ 2016-يىللىق تولۇق كۇرس 1-تۈركۈمگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش 16-ئىيۇل رەسمىي باشلاندى