باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى بىلەن كۆرۈشتى

2016.07.26 13:03         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تۈنۈگۈن خەلق سارىيىدا دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى چېنفېڭ فۇجېن بىلەن كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو ھۆكۈمىتى خەلقنىڭ سالامەتلىكىنى قوغداشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ شۇنداقلا ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئومۇمىي خەلق داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، داۋالىنىش، ساقلىق ساقلاش مۇلازىمەت سىستېمىسىنى ياخشىلاش، ئاساسىي دورا تۈزۈمىنى ئورنىتىش، ئاساسىي داۋالىنىش ۋە ئاممىۋى سەھىيە مۇلازىمىتىنى تېخىمۇ باراۋەرلەشتۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھىم ئىلگىرىلەشكە ئېرىشتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، جۇڭگو يەنىلا نۇرغۇن خىرىسلارغا دۇچ كەلدى. بىز ساغلام جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەل قىلغۇچ ئورۇنلاشتۇرۇشىنى چىقىرىپ، ساغلاملىق تەرەققىياتىنىڭ ئوتتۇرا، ئۇزۇن مەزگىللىك پىلانىنى چىڭ تۇتۇپ تۈزۈۋاتىمىز. بارلىق جۇڭگو خەلقىنى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك داۋالىنىش، ساقلىق ساقلاش مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن قىلىشمۇ بىزنىڭ يۈز يىللىق ئىككى كۈرەش نىشانىمىزنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ مۇھىم رولىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى بىلەن ئۇزۇن مۇددەتلىك ياخشى ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ، يۇقۇملۇق كېسەللىكتىن ساقلىنىش ۋە داۋالاش قاتارلىق كەڭ ساھەلەردە ئەمەلىي ھەمكارلاشتى. بىز دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ يەر شارى، رايون، دۆلەت قاتلىمىدىن 2030-يىلىغىچە سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىدىكى سەھىيەگە ئالاقىدار نىشانلارنى تېخىمۇ ئەمەلىيلەشتۈرۈشىنى پائال قوللايمىز شۇنداقلا بىر بەلباغ، بىر يول رامكىسىدا داۋالىنىش، ساقلىق ساقلاش ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇشنى خالايمىز.

  چېنفېڭ فۇجېن مۇنداق دېدى: دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارا ئىشلار، بولۇپمۇ يەر شارى سەھىيە ھەمكارلىق ساھەسىدىكى مۇھىم تۆھپىسىگە يۇقىرى باھا بېرىدۇ. جۇڭگو بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2030-يىلىغىچە بولغان سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە يېتەكچىلىك رولىنى ئوينىدى. جۇڭگو ئوتتۇرىغا قويغان بىر بەلباغ، بىر يول تەپەككۇرى يىراقنى كۆرەرلىككە ئىگە بولۇپ، يېڭى ۋەزىيەتتىكى يەر شارى ھەمكارلىقى ۋە يەر شارىنى تەرتىپكە سېلىشنى يېڭى ئەندىزە بىلەن تەمىنلىدى. جۇڭگونىڭ مىڭ يىللىق تەرەققىيات نىشانىنى ئالدى بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئومۇمىي خەلقنى داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بىلەن قاپلاپ، داۋالىنىش ئىسلاھاتىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈش ئىشلىرى ئادەمنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ، بۇ-خەلقئارا سەھىيە ئىشلىرىدا يېڭى تۈرتكىلىك كۈچ بولىدۇ. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىشنى خالايدۇ ھەم بىر جۇڭگو سىياسىتىگە داۋاملىق قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر