گو بوشيۇڭغا بىرىنچى سوتتا مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلدى
2016.07.26 13:05 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ھەربىي سوت تۈنۈگۈن مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى گو بوشيۇڭنىڭ پارا ئېلىش دېلوسىغا بىرىنچى سوتتا ھۆكۈم چىقاردى، گو بوشيۇڭ پارا ئېلىش جىنايىتى ئۆتكۈزگەنلىكى ئۈچۈن، مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلىپ، سىياسىي ھوقۇقىدىن ئۆمۈرۋايەت مەھرۇم قىلىنىدۇ ھەمدە بارلىق شەخسىي مال-مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىپ، قايتۇرىۋېلىنغان ھارام پۇل، ھارام مال دۆلەت غەزىنىسىگە تاپشۇرۇلىدۇ، گېنېرال-پولكوۋنىكلىق ھەربىي ئۇنۋانى بىكار قىلىنىدۇ، دەپ بېكىتتى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر