خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى مۇخبىرى دىلشاد غوجائەھمەد خەۋىرى، فوتوسى) ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتى تەشكىللىگەن «مېھىر-مۇھەببەتنى مۇجەسسەملەشتۈرۈپ، جۇڭگو ئارزۇسىغا ئورتاق يېتەيلى» ئاساسىي تېمىسىدىكى 2016 - يىللىق يازلىق لاگېر پائالىيىتى 25 - ئىيۇل كۈنى رەسمىي ئاياغلاشتى. ئىگىلىنىشىچە بۇ يىللىق يازلىق تەتىل جەريانىدا 244 قېتىمدا ھەر مىللەتتىن بولغان 17 مىڭ باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ۋە بىر قىسىم ئىستۇدېنتلار يازلىق لاگېر پائالىيىتىگە قاتناشقان.
سۈرەتتە: ئاقسۇ، خوتەن، ئىلىدىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلار يازلىق لاگېر پائالىيىتىدە.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى