باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ تەبرىك خېتى ئەۋەتىپ 2016-يىللىق «بىر بەلباغ، بىر يول» تاراتقۇلار ھەمكارلىق مۇنبىرى ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلىدى

2016.07.26 14:47         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «خەلق گېزىتى» باش بولۇپ ئۇيۇشتۇرغان 2016-يىللىق «بىر بەلباغ، بىر يول» تاراتقۇلار ھەمكارلىق مۇنبىرى بۈگۈن بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تەبرىك خېتى ئەۋەتىپ، مۇنبەرنىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى.تەبرىك خېتىنىڭ تولۇق تېكىستى:

  2016-يىللىق «بىر بەلباغ، بىر يول» تاراتقۇلار ھەمكارلىق مۇنبىرى ئېچىلىش ئالدىدا، مۇنبەرنىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن! ھەر قايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن تاراتقۇلار، ئەزىز مېھمانلارنى قىزغىن قارشى ئالىمەن!

  يىپەك يولى ھەر قايسى ئەل خەلقىنىڭ ئورتاق بايلىقى. جۇڭگو يىپەك يولى روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىش پىرىنسىپى بويىچە، سىياسىي جەھەتتە ئالاقە ئورنىتىش، ئەسلىھەلەرنى بىرلەشتۈرۈش، سودىنى راۋانلاشتۇرۇش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش، ئەل رايىنى بىرلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يىپەك يولى بويىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى. جۇڭگو يىپەك يولى بويىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بىر يولدا مېڭىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» ئۆز ئارا ھەمكارلىق تورى شەكىللەندۈرۈپ، يېڭىچە ھەمكارلىق ئەندىزىسى يارىتىپ، قول تۇتۇشۇپ «يېشىل يىپەك يولى»، «ساغلام يىپەك يولى»، «ئەقلىي يىپەك يولى»، «تىنچ يىپەك يولى» بەرپا قىلىپ، يىپەك يولى بويىدىكى دۆلەتلەر ۋە خەلققە بەخت يارىتىشنى خالايدۇ.تاراتقۇلار ئۇچۇر تارقىتىش، ئۆز ئارا ئىشىنىشنى كۈچەيتىش، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەش جەھەتتە تەڭداشسىز مۇھىم رول ئوينايدۇ. «بىر بەلباغ، بىر يول» تاراتقۇلار ھەمكارلىق مۇنبىرى ھەر قايسى تاراتقۇلارنىڭ سۆھبەتلىشىپ پىكىر ئالماشتۇرۇشى، كونكرېت ئىشلاردىكى ھەمكارلىقى ئۈچۈن سۇپا بىلەن تەمىنلىدى. ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ بۇ سۇپىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئەل رايىنى مايىل قىلىش، ئۆز ئارا چۈشىنىش، ئىشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش جەھەتتە پائال ھەرىكەتكە كېلىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  2016-يىللىق «بىر بەلباغ، بىر يول» تاراتقۇلار ھەمكارلىق مۇنبىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلىشىنى تىلەيمەن!

  جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ

  2016-يىلى 7-ئاينىڭ 25-كۈنى

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر