باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ ئامېرىكا زۇڭتۇڭىنىڭ بىخەتەرلىك ئىشلىرى يادەمچىسى رايىس بىلەن كۆرۈشتى

2016.07.26 13:06         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تۈنۈگۈن خەلق سارىيىدا ئامېرىكا زۇڭتۇڭىنىڭ بىخەتەرلىك ئىشلىرى ياردەمچىسى رايس بىلەن كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئۆزئارا ئىشىنىشنى كۈچەيتىشكە كۈچ چىقىرىشى كېرەك. جۇڭگونىڭ تەرەققىيات نىشانى 1 مىليارد 300 مىليون جۇڭگو خەلقىنى ياخشى كۈنگە ئىگە قىلىش. جۇڭگو كۈچلەنسىلا زومىگەر بولۇش يولىغا ماڭمايدۇ، بىزنىڭ ھازىر يولغا قويىلىۋاتقان خەلقئارا تەرتىپ ۋە قائىدىگە خىرىس قىلىش نىيىتىمىزمۇ يوق. جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئورتاق مەنپەئەتى ئىختىلاپلاردىن كۆپ، ئىككى تەرەپ ھەمكارلاشسا بولىدۇ، ئىككى تەرەپ ھەمكارلىشىدىغان يەرلەر ناھايىتى كۆپ. ئىككى تەرەپ ئىقتىساد سودا، مەبلەغ سېلىش قاتارلىق ئىككى تەرەپلىك ساھەلەر، كېلىمات ئۆزگىرىشى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك ساھەلەر ۋە خەلقئارا، رايون مەسىلىلىرىدىكى ھەمكارلىقنى پائال كېڭەيتىپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ئۇل تېشىغا ئايلاندۇرۇشى، ئىككى تەرەپ ئىختىلاپلارنى ئۈنۈملۈك كونتىرول قىلىپ، بىر بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتىگە ھۆرمەت قىلىشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: 20 دۆلەت گۇرۇھى دۇنيا ئىقتىسادىنى ئىدارە قىلىدىغان مۇھىم سەھنە. نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە، ئىككى دۆلەت دۇنيادىكى ئىككى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە بولۇش سۈپىتى بىلەن، يېقىندىن ھەمكارلىشىپ، 20 دۆلەت گۇرۇھى خاڭجۇ باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئىجابىي نەتىجىلەرگە ئېرىشىشىگە بىرلىكتە تۈرتكە بولۇپ، دۇنياغا ئىشەنچ تارقىتىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئاتا قىلىشى كېرەك. 9-ئاينىڭ باشلىرىدا خاڭجۇدا زۇڭتۇڭ ئوباما بىلەن يەنە كۆرۈشۈشنى، كۆرۈشۈشتە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ كېيىنكى باسقۇچلۇق تەرەققىياتىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى ئاتا قىلىنىشىنى، شۇنداقلا ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ داۋاملىق مۇقىم راۋاجلىنىشىغا يۆنىلىش كۆرسىتىپ بېرىلىشى، ئاساس سېلىنىشىنى كۈتمەكتىمەن.

  رايىس شى جىنپىڭغا زۇڭتۇڭ ئوبامانىڭ سالىمىنى يەتكۈزدى. رايىس مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئامېرىكا-جۇڭگو مۇناسىۋىتى ھەققىدىكى كۆز قارىشى زۇڭتۇڭ ئوبامانىڭكى بىلەن ئىنتايىن ئوخشاش ئىكەن. زۇڭتۇڭ ئوباما باشتىن-ئاخىر: ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى بۈگۈنكى دۇنيادىكى ئەڭ مۇھىم ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەت. جۇڭگونىڭ مۇۋەپپەقىيىتى ئامېرىكىنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن، دەپ قاراپ كەلدى. ئامېرىكا بىلەن جۇڭگو تەڭ ھەمكارلاشسا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش قاتارلىق بىر يۈرۈش دۇنياۋى خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇشىغا ھاياتىي كۈچ قوشىلىدۇ. ئامېرىكا بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئۆزئارا ئىشىنىشىنى كۈچەيتىش، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئۇنى ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ ئۇل تېشىغا ئايلاندۇرۇشنى قۇۋۋەيلەيدۇ، بىز جۇڭگو بىلەن يېقىندىن ئالاقە قىلىپ، ئىختىلاپلارنى ئۈنۈملۈك كونتىرول قىلىشنى خالايمىز.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر