باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئازادلىق ئارمىيە باش دوختۇرخانىسىدىكى بۆرەك راكى ئوپېراتسىيەسىدە ماشىنا ئادەم ياردەمچى بولدى

2016.07.26 14:57         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، فۇجيەنلىك بىمار لىن ئەپەندى ئازادلىق ئارمىيە باش دوختۇرخانىسى سۈيدۈك يولى تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمىدىن ئوڭۇشلۇق ساقىيىپ چىقتى. بۇ، مۇشۇ دوختۇرخانا سۈيدۈك يولى تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى، پىروفېسسور جاڭ شۈ، يۈرەك تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمى، جىگەر-ئۆت تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمى ۋە ناركوز ئوپېراتسىيە مەركىزى بىرلىشىپ تاماملىغان، ماشىنا ئادەم ياردەمچى بولغان بۆرەك راكى ئوپېراتسىيەسىدە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشى ھېسابلىنىدۇ.

  بۆرەك راكى قوشۇمچە كاۋاك ۋېنا ئەگەشمە راك كەپلەشمىسىنىڭ يىلتىزىدىن كېسىۋېتىش ئوپېراتسىيەسى سۈيدۈك يولى تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمى ئوپېراتسىيەسىنىڭ قىيىن نۇقتىسى بولغاچ، ئۇنىڭ ئوپېراتسىيەدە مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇش نىسبىتى % 10 ئەتراپىدا بولىدىكەن. بۇ ئوپېراتسىيە ئازادلىق ئارمىيە باش دوختۇرخانىسىنىڭ تېبابەتچىلىك تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش جەھەتتە بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، ئىلگىرىلەش بولغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر