باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىزدىن چەت ئەللەرگە چىقىپ ئوقۇغان ئىختىساسلىقلارنىڭ ۋەتەنگە قايتىپ كېلىش نىسبىتى %50 تىن ئېشىپ كەتتى

2016.07.26 15:15         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: چوڭ كۆلەملىك ۋەتەنگە قايتىپ كېلىش ئېقىمىنىڭ پەيدا بولۇشىغا ئەگىشىپ، ئۇلارنىڭ ساپاسىدىمۇ ئوخشىماسلىق پەيدا بولدى، تەمىناتىنى مۆلچەرلىشىدىمۇ بۇنىڭدىن بۇرۇنقى بىلەن كۆرۈنەرلىك پەرق پەيدا بولدى.

  2007-يىلى، ئېلىمىزدىن چەت ئەللەرگە چىقىپ ئوقۇغانلارنىڭ سانى 144 مىڭ، ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەنلەرنىڭ سانى 44 مىڭ بولۇپ، شۇ يىلى چەت ئەللەرگە چىقىپ ئوقۇپ ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەن ۋە ئوقۇشقا چىققانلارنىڭ ئادەم سانى نىسبىتى %30.5 بولغان؛ 2011-يىلىغا كەلگەندە، بۇ نىسبەت %54.8گە يەتتى. بۇلتۇر ئېلىمىزدىن چەت ئەللەرگە چىقىپ ئوقۇغانلارنىڭ سانى 5 مىليون 237 مىڭغا، ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەنلەر 4 مىليون 91 مىڭغا يېتىپ، ۋەتەنگە قايتقانلار بىلەن چەت ئەلگە چىققانلارنىڭ سان نىسبىتى %78.1غىچە كۆپەيدى.

  خەۋەرلەرگە قارىغاندا، چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇغانلارنىڭ سانى تېز كۆپىيىش، ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەنلەرنىڭ سانىدىمۇ كۆپىيىش بولۇش بىلەن بىللە، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىيات مۇھىتى ۋە پۇرسىتى ۋەتەنگە قايتىپ كېلىش دولقۇنى پەيدا بولۇشنىڭ مۇھىم ئامىلى ھېسابلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بەزى دۆلەتلەرنىڭ خىزمەت ۋىزىسى ۋە كۆچمەن بولۇش ئۆلچىمى ئۆستۈرۈلگەن بولۇپ، بۇ خىل ئەھۋال قايتىپ كېلىش ئېقىمىنى شەكىللەندۈرۈشنى تېزلەتتى. بۇنىڭدىن باشقا، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئېلىمىز ھۆكۈمىتى كارخانىلار بىلەن «1000 كىشىلىك پىلان _ دۆلەت ھالقىغان تالانتلىقلارنى جەلپ قىلىش، چەت ئەلدە ئوقۇغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىگىلىك تىكلەش رايونى تەسىس قىلىش» قاتارلىق تۈرلەرنى قانات يايدۇرۇپ، چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇغان بىر تۈركۈم ئىختىساس ئىگىلىرىنى ۋەتەنگە قايتىپ كېلىشكە جەلپ قىلدى.

  ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى تاڭ تاۋ يېقىندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 2015-يىلى، ھەر قايسى جايلارنىڭ ئىختىساسلىق خادىملارنى كىرگۈزۈش پىلانى بويىچە كىرگۈزۈلگەن يۇقىرى قاتلام چەت ئەلدە ئوقۇپ قايتىپ كەلگەنلەر 7542 بولۇپ، 2009-يىلىدىن بۇيانقى كىرگۈزۈلگەنلەرنىڭ ئومۇمىي سانى 44 مىڭ كىشىگە يەتكەن. نۆۋەتتە، مەملىكەت بويىچە چەت ئەلدە ئوقۇپ قايتىپ كەلگەنلەرنىڭ ئىگىلىك تىكلەش رايونىدىن 321 ى بار بولۇپ، چەت ئەلدە ئوقۇپ قايتىپ كەلگەن 67 مىڭ ئىختىساسلىقلار بۇ رايوندا ئىگىلىك تىكلەيدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر