باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شۆھرەت زاكىر شېنجېن شەھىرىنىڭ باشلىقى شۈ چىن ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى

ئەۋزەللىكنى جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى پائال ئىلگىرى سۈرىمىز

2016.07.26 15:51         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر 25 - ئىيۇل ئاپتونوم رايونىمىزغا شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا كەلگەن شېنجېن شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شەھەر باشلىقى شۈ چىن ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى.

  شۆھرەت زاكىر شۈ چىن ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنىڭ كەلگەنلىكىنى قىزغىن قارشى ئالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: يېڭى نۆۋەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان شېنجېن شەھىرى تۈرلەرنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىللىقىغا باشتىن - ئاخىر ئەھمىيەت بېرىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆزلەپ، خەلق تۇرمۇشى بويىچە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىپ، كەسىپ، مائارىپ، مەدەنىيەتتە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى يارقىن نۇقتىلارنى گەۋدىلەندۈردى. شېنجېن شەھىرىنىڭ ياردىمىدە قەشقەر شەھىرى ۋە تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىدە زور ئۆزگىرىش بولدى. ھازىر شىنجاڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇشتەك تارىخىي پۇرسەتكە دۇچ كېلىۋاتىدۇ. قەشقەر ۋىلايىتى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى، جۇڭگو - پاكىستان ئىقتىسادىي كارىدورىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن زور تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچىگە ئىگە. شېنجېن شەھىرى جۇڭگونىڭ ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش، ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىشنىڭ ئەڭ ئالدىنقى سېپىدىكى شەھەر بولۇش سۈپىتى بىلەن مەيلى تۈزۈلمە جەھەتتىن بولسۇن، مېخانىزم جەھەتتىن بولسۇن، ئالدىنقى ئورۇندا تۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ،ئىختىساسلىقلار، پەن - تېخنىكا جەھەتتە تېخىمۇ ئەۋزەللىككە ئىگە. شۇڭا، شېنجېن شەھىرىنىڭ ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئىلگىرىكى يىللاردا شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشتىكى تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشتىكى تۈرلۈك ئىشلارنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇلۇشىغا پائال ئاتلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  شۈ چىن مۇنداق دېدى: بۇ يىل شېنجېن شەھىرى سالماقنى تېخىمۇ زورايتىپ، «13 - بەش يىل»دا شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش تۈرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، مەركەزنىڭ تەلەپلىرىنى ئۆز جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئىشلەيدۇ. بەلگىلەنگەن ئىشلارنى ياخشى قىلغاندىن باشقا، يەنە سۇبيېكتىپ پائالىيەتچانلىقنى پائال جارى قىلدۇرۇپ، نىشانلىق ياردەم بېرىلىۋاتقان جايلارنىڭ ئەمەلىيىتىگە تېخىمۇ يېقىنلىشىپ، ئالاھىدە رايوننىڭ ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى بىلەن تېخىمۇ ياخشى بىرلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ بايلىق ۋە مەبلەغنى خەلق تۇرمۇشى تۈرىگە مايىللاشتۇرۇپ، كەسىپ ۋە ئەقىل جەھەتتە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنى خەلق تۇرمۇشىدا تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شېنجېننىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر