- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ قۇياش ئېنېرگىيەلىك ئايروپىلان يەر شارىنى ئايلىنىش سەپىرىنىڭ ئاخىرقى نۇقتىسىغا ئۇچتى
2016.07.26 15:56 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ قۇياش ئېنېرگىيەلىك ئايروپىلان «قۇياش ئېنېرگىيەسى 2-نومۇر» شۇ يەر ۋاقتى 24-ئىيۇل مىسىر پايتەختى قاھىرەدىن ئۇچۇپ، ھېچقانداق يېقىلغۇ ئىشلەتمەي يەر شارىنى بىر ئايلىنىش سەپىرىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى نۇقتىسىغا قاراپ ئۇچتى. خەۋەر قىلىنىشىچە، ئاخىرقى نۇقتا ئەبۇزەبى بولۇپ، ئايروپىلاننى بۇ پىلاننى ئوتتۇرىغا قويغان شىۋېيتسارىيەلىك پىسخولوگ پىككارد ھەيدەيدىكەن. ئايروپىلان ئەبۇزەبىگە ئوڭۇشلۇق قونسا 35 مىڭ كىلومېتىرلىق مۇساپە ئاياغلىشىپ، يەر شارىنى ئايلىنىپ ئۇچۇش مۇۋەپپىقىيەتلىك تاماملىنىدىكەن.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر