خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (قەشقەر شەھەرلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىدىن ئابلىمىت سوپىھاجى خەۋىرى، فوتوسى) قەشقەر شەھىرىنىڭ ئاۋات يېزىسى يالاڭ كەنتى 7- مەھەللىسىدىكى دېھقان ياسىنجان ئەمەت يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان، ئۈچ مو يەردە سورتلۇق توغاچلىق باغ بىنا قىلغانىدى. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، باغ پەرۋىشىنى ياخشى ئىشلىگەچكە توغاچلىرى ئوبدان ئوخشاپ، ئېتىز بېشىدىلا سېتىپ چىقىرىپ، 6000 يۈەن كىرىم قىلدى.
سۈرەتتە: 25- ئىيۇل، ياسىنجان ئەمەت (ئوڭدا) ئايالى بىلەن بىرگە بازارغا ئەكىرىش ئۈچۈن توغاچلارنى تەييارلىماقتا.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى