باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

تۇنجى نۆۋەتلىك ئاق قۇ كۆلىنى ئايلىنىش ۋېلىسپىت مۇسابىقىسى ئاياغلاشتى

2016.07.26 16:10   مەنبە: خەلق تورى

تۇنجى نۆۋەتلىك ئاق قۇ كۆلىنى ئايلىنىش ۋېلىسپىت مۇسابىقىسى ئاياغلاشتى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2016-يىللىق بايىنبۇلاق تۇنجى نۆۋەتلىك ئاق قۇ كۆلىنى ئايلىنىش تاشيول ۋېلىسپىت مۇسابىقىسى 25-ئىيۇل 3-بۆلەك مۇسابىقىنى تاماملاپ، مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاياغلاشتى.شۇ كۈنى ئېلىپ بېرىلغان 3-بۆلەك مۇسابىقىسى قاراشەھەر ناھىيەسى بايانغول يېزىسى خارسالا كەنتىنى باشلىنىش نۇقتىسى، بايىنبۇلاق مەنزىرە رايونى ساياھەتچىلەر مەركىزىنى ئاخىرلىشىش نۇقتىسى قىلغان بولۇپ، پۈتۈن مۇساپە 120 كىلومېتىر كېلىدۇ. بۇ مۇسابىقە بۆلىكى بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىدىكى ئەڭ ئۇزۇن، قىيىنلىق دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى بولغان مۇسابىقە بۆلىكى بولۇپ، مۇسابىقە بۆلىكىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى باشلىنىش نۇقتىسىدىكى 2300 مېتىردىن 2500 مېتىرغا ئۆرلەپ، ئاخىرقى نۇقتىدا يەنە 2000 مېتىرگە چۈشتى، بۇ بارلىق مۇسابىقىگە قاتناشقان ماھىرلارنىڭ بەدەن ئىقتىدارى ۋە چىدامچانلىقىغا بولغان بىر قېتىملىق سىناق ھېسابلىنىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

 سۈرەتلەر