باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

خەلقئارا قىسقا خەۋەرلەر

2016.07.26 15:57         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  * سۇرىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 24 – ئىيۇل بايانات ئېلان قىلىپ: سۇرىيە ھۆكۈمىتى تىنچلىق سۆھبىتىنى شەرتسىز قايتا باشلاشنى خالايدۇ، سۇرىيە ھۆكۈمىتى سۇرىيەلىكلەر ئۆزلىرى ئىمزالىغان، چەت ئەل ئارىلاشمىغان كىرىزىسنى ھەل قىلىش لايىھەسى ئۈستىدە ئىزدىنىدۇ، دېدى.

  * 27 – نۆۋەتلىك ئەرەب دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى باشلىقلار يىغىنى 25 – ئىيۇلدىن 26 – ئىيۇلغىچە ماۋرىتانىيە پايتەختى نوۋاكشوتتا ئۆتكۈزۈلىدۇ. يىغىن ھارپىسىدا، ماۋرىتانىيە كۆپ تۈرلۈك ئامانلىقنى قوغداش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئۆتكۈزۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلدى.

  * نېپال زۇڭلىسى، نېپال كوممۇنىستىك پارتىيەسى (بىرلەشمە ماركسىزم – لېنىنىزم پارتىيەسى) نىڭ رەئىسى ئولى 24 – ئىيۇل كەچتە ئاساسىي قانۇن چىقىرىش مەجلىسى (پارلامېنت)دا سۆز قىلغاندا، زۇڭلىلىق ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەنلىكىنى رەسمىي جاكارلىدى.

  * ئەرمېنىيە تاراتقۇلىرىنىڭ 24 – ئىيۇلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەرمېنىيە پايتەختى يېرېۋاننىڭ شەھەر سىرتىغا جايلاشقان ئېلىبونى رايونى ساقچى ئىدارىسىدىن تۇتقۇن قىلىنغان يەتتە ساقچىنىڭ ھەممىسى قويۇپ بېرىلگەن، قوراللىقلار ھېلىھەم ھۆكۈمەتتىن ئۆزلىرى ئوتتۇرىغا قويغان شەرتنى ئورۇنداشنى تەلەپ قىلغان، تەلىپى ئورۇندالمىسا قورال تاپشۇرۇشنى رەت قىلىپ ساقچى ئىدارىسىنى داۋاملىق ئىشغال قىلىدىغانلىقىدا چىڭ تۇرغان.

  * گېرمانىيەنىڭ جەنۇبىدىكى باۋارىيە ئوبلاستى ئانسباخ شەھىرىدە 24 – ئىيۇل يېرىم كېچىدە پارتلاش يۈز بېرىپ بىر كىشى قازا قىلدى، نۇرغۇن كىشى يارىلاندى. 

  * ئافغانىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى 24 – ئىيۇل كابۇلدا 23 – ئىيۇل يۈز بەرگەن پارتلىتىش ھۇجۇمىدا 80 كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقى، 231 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى جاكارلىدى. شۇ كۈنى ئافغانىستان زۇڭتۇڭى غەنىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، ھۇجۇمدا تالاپەتكە ئۇچرىغانلارغا مەملىكەت بويىچە تەزىيە بىلدۈرگەن.

  * ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى 23 – ئىيۇل بايانات ئېلان قىلىپ، شۇ كۈنى ئافغانىستان پايتەختى كابۇلدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر