باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 34-قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە مۇنداق تەكىتلىدى:

پارتىيەنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىدا چىڭ تۇتۇپ، تىرىشىپ دۆلەت مۇداپىئەسىنى مۇستەھكەملەش ۋە قۇدرەتلىك ئارمىيە قۇرۇش كېرەك

2016.07.28 14:22         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 26 - ئىيۇل چۈشتىن كېيىن دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدا 34 - قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئومۇميۈزلۈك، ئىنقىلاب خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش بولۇپ، پارتىيەنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى ۋەزىيەتتىكى ھەربىي ئىشلار ئىستراتېگىيەلىك فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىسلاھات ئارقىلىق ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىستراتېگىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان تۈزۈلمە خاراكتېرلىك توسالغۇ، قۇرۇلمىلىق زىددىيەت، سىياسەت خاراكتېرلىك مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، ئارمىيەنىڭ تەشكىلىي تۈزۈلۈشىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جەڭگىۋارلىق كۈچىنى يەنىمۇ ئازاد قىلىپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، ئارمىيەنىڭ ھاياتىي كۈچىنى يەنىمۇ ئازاد قىلىپ ۋە ئاشۇرۇپ، ئېلىمىزنىڭ خەلقئارادىكى ئورنىغا مۇۋاپىق كېلىدىغان، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە تەرەققىيات مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان مۇستەھكەم دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە قۇدرەتلىك ئارمىيە قۇرۇپ، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىغا يېتىشنى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىشنى قۇدرەتلىك كۈچ كاپالىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.

  مەركىزىي ھەربىي كومىتېت دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى مۇتەخەسسىسلەر مەسلىھەتچىلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى يولداش سەي خۇڭشۇ بۇ مەسىلە توغرىسىدا چۈشەنچە بەردى ھەم تەكلىپ - پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلار ئۇنىڭ چۈشەندۈرۈشىنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى ھەم ئالاقىدار مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر