باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ ئافغانىستاندا زور تېررورلۇق ھۇجۇمى ۋەقەسى يۈز بەرگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن ئافغانىستان زۇڭتۇڭى غەنىگە ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

لى كېچياڭ ئافغانىستاننىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ئابدۇللاغا ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

2016.07.27 15:53         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 24-ئىيۇل ئافغانىستان زۇڭتۇڭى مۇھەممەد ئەشرەف غەنىگە ئافغانىستاندا يۈز بەرگەن زور تېررورلۇق ھۇجۇمى ۋەقەسى توغرىسىدا ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتتى.

  شى جىنپىڭ ھال سوراش تېلېگراممىسىدا مۇنداق دېدى: ئافغانىستاننىڭ كابۇلدا زور تېررورلۇق ھۇجۇمى ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئېغىر ئۆلۈش-يارىلىنىش كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى ئاڭلاپ قاتتىق چۆچۈدۈم. مەن جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىگە ۋاكالىتەن شۇنداقلا ئۆز نامىم بىلەن تالاپەتكە ئۇچرىغانلارغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈرىمەن، يارىلانغانلاردىن ۋە بەختسىزلىككە ئۇچرىغانلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىدىن سەمىمىي ھال سورايمەن.

  جۇڭگو ھەر قانداق شەكىلدىكى تېررورىزمغا قارشى تۇرىدۇ، بۇ قېتىمقى زور تېررورلۇق ھۇجۇمى ۋەقەسىنى قاتتىق ئەيىبلەيدۇ. جۇڭگو ئافغانىستان ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنىڭ تېررورلۇققا زەربە بېرىش، دۆلەت خەۋپسىزلىكى، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى تىرىشچانلىقىنى قوللايدۇ.خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 24-ئىيۇل ئافغانىستاننىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ئابدۇللاغا تېلېگرامما ئەۋەتىپ، ئافغانىستاندا يۈز بەرگەن زور تېررورلۇق ھۇجۇمى ۋەقەسى توغرىسىدا ھال سورىدى.زۇڭلى لى كېچياڭ ھال سوراش تېلېگراممىسىدا مۇنداق دېدى: ئافغانىستاننىڭ كابۇلدا زور تېررورلۇق ھۇجۇمى ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئېغىر ئۆلۈش-يارىلىنىش كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى ئاڭلاپ قاتتىق چۆچۈدۈم، جۇڭگو بۇ ۋەقەنى قاتتىق ئەيىبلەيدۇ. مەن جۇڭگو ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن تالاپەتكە ئۇچرىغانلارغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈرىمەن، يارىلانغانلاردىن ۋە بەختسىزلىككە ئۇچرىغانلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىدىن سەمىمىي ھال سورايمەن.

  جۇڭگو ھەر قانداق شەكىلدىكى تېررورىزمغا قارشى تۇرىدۇ، ئافغانىستان ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەتنىڭ خەۋپسىزلىكى، مۇقىملىقىنى قوغداش، تېررورلۇققا زەربە بېرىشتىكى تىرىشچانلىقىنى ئىلگىرىكىگە ئوخشاشلا قەتئىي قوللايدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر