باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئەدلىيە مىنىستىرلىقى: ساقچى كۈچلىرىنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈپ، ئاساسىي قاتلامدىكى ئەدلىيە ساقچىلىرى يېتىشمەسلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ

2016.07.27 16:53         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئاساسىي قاتلامدىكى ئەدلىيە ساقچىلىرى يېتىشمەسلىك مەسىلىسىگە قارىتا، ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى مۇ ئەييىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىلمىي ساقچى ئىشلىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، يايپاڭسىمان باشقۇرۇشنى يولغا قويۇپ، ساقچى كۈچلىرىنىڭ تۆۋەنگە چۈشۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىلىم-پەن ئارقىلىق ساقچىلارنى كۈچەيتىشنى يولغا قويۇپ، زور كۈچ سەرپ قىلىپ بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش لازىم. كاپالەت چارىسى جەھەتتە، ئۇ ھەر تۈرلۈك كەسپىي كاپالەت چارىلىرىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، كاپالەت چارىلىرىنىڭ ھەقىقىي «نەپ بېرىشى»گە كاپالەتلىك قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  ۋۇ ئەييىڭ يېقىندا ئېچىلغان مەملىكەتلىك ئەدلىيە مەمۇرىي قوشۇنى قۇرۇلۇشى خىزمىتى يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ھەر دەرىجىلىك ئەدلىيە مەمۇرىي ئورگانلىرى ئىدىيە-سىياسىي قۇرۇلۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشنى ئەمەلىي ئىزچىللاشتۇردى، ئىدىيە-سىياسىي ساپاسى ئۈزلۈكسىز ئۆستى، غايە-ئېتىقادى يەنىمۇ مۇستەھكەملەندى؛ مائارىپ تەربىيەلىنىش ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىلىپ، ئەدلىيە مەمۇرىي كەسىپ ئىقتىدارى ۋە قانۇن ئىجرا قىلىش سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك ئاشتى؛ قوشۇن باشقۇرۇش تۈزۈم مېخانىزمى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، ئۆلچىمى قاتتىق، يۈرۈشۈشى يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئەدلىيەلىك مەمۇرىي قوشۇن باشقۇرۇش مېخانىزمى شەكىللەندى؛ كەسپىي كاپالەت كۈچەيتىلىپ، ئاساسىي قاتلام ئەدلىيە ساقچىلىرىنىڭ كاپالەت سىستېمىسى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتى؛ پاتىيە ئىستىلى، پاكلىك قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈلدى، ئەدلىيە مەمۇرىيىتىنىڭ پارتىيە ئىستىلى، ساقچى ئىستىلى يەنىمۇ ياخشىلاندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر