باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خەلق تورى ئۈچ ئەرەب تاراتقۇ تەرەپ بىلەن بېيجىڭدا ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى

2016.07.28 13:20         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 26-ئىيۇل چۈشتىن كېيىن، خەلق گېزىتخانىسى، خەلق تورى ئۇيۇشتۇرغان 2016-يىللىق «بىر بەلباغ، بىر يول» تاراتقۇلار ھەمكارلىقى مۇنبىرى يېڭى تاراتقۇلار ۋە يېڭى تېخنىكا قوشۇمچە مۇنبىرى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. مۇنبەردە خەلق تورى مىسىر ئەلئېھرام تورى، سۇدان ئاخبارات ئاگېنتلىقى، مىسىر «يەكشەنبىلىك خەۋەرلەر گېزىتى» بىلەن ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى. ئىككى تەرەپ ئاخبارات ئالماشتۇرۇش مېخانىزمى ئورنىتىپ، بىرلىشىپ زىيارەت قىلىش، پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈش، تېخنىكا ئالماشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە ھەمكارلىشىدىغان بولدى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خەلق تورى ياپونىيە ئىقتىساد ئاخبارات ئاگېنتلىقى، كورېيە مەركەز كۈندىلىك گېزىتى، بۈگۈنكى رۇسىيە، ئەنگلىيە كۈندىلىك پوچتا گېزىتى لىنىيەسى، ئافرىقا دەۋر ئاخبارات ۋاسىتىسى، ئاۋسترالىيە خەۋەرلەر قانىلى قاتارلىق 40 نەچچە تاراتقۇ بىلەن ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى .

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر