باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دوستلار چەمبىرىكىنى ئىتىۋېتىشنى يامان ئىش دېگىلى بولمايدۇ

2016.07.27 16:17         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكى پۈتكۈل ئىجتىمائىي ئالاقە چەمبىرىكىنىڭ مەركىزىگە ئايلانغان بۈگۈنكى كۈندە ئۇچۇر ئەۋەتىش، ئۇچۇر كۈتۈش ۋە ئۇچۇر قايتۇرۇش بىزنىڭ كۈندىلىك ئادىتىمىزگە ئايلاندى. ھالبۇكى، ئايىغى تۈگىمەيدىغان بېلەت تاشلاش، ۋەكالىتەن مال سېتىۋېلىش ۋە خىلمۇ-خىل ئېلان-تەشۋىقات ئۇچۇرلىرى بىلەن قاپلانغانلىقتىن، بىر قىسىم ياشلار ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكىنى تاقىۋېتىشنى تاللىدى. يېقىندا 2000 كىشى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان راي سىناشتا كۆرسىتىلىشىچە، %35.8 ئۈندىدار ئىشلەتكۈچى دوستلار چەمبىرىكىنى تاقىۋېتىشنى ئويلايدىغانلىقى، بۇنىڭ ئىچىدە %19.7 ئىشلەتكۈچى ھازىرنىڭ ئۆزىدە بۇ ئىقتىدارنى تاقىۋەتمەكچى بولۇۋاتقانلىقىنى، %13.8 ئىشلەتكۈچى بولسا دوستلار چەمبىرىكىنى بۇرۇن تاقاپ باققانلىقىنى، %2.4 ئىشلەتكۈچى دوستلار چەمبىرىكىنى تاقىۋەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

  تەكشۈرۈشتە دوستلار چەمبىرىكىنى تاقىۋېتىشنىڭ سەۋەبى خۇلاسىلەنمىگەن، بىراق مۇنداق ئىككى خىل سەۋەب بولۇشى مۇمكىن: بىرىنچىسى، پاراكەندىچىلىككە چىدىماسلىق. ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكى زور مىقداردىكى ۋاكالىتەن سېتىش ئېلانى، سېتىقچىلار بىلەن تولغان بولۇپ، بىر خىل بىزارلىق تۇيغۇسى پەيدا قىلماقتا. يەنە بىرسى ئىسراپچىلىققا چىدىماسلىق بولۇپ، ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكى دوستلۇقنى كۈچەيتىشتە ئانچە چوڭ رول ئوينىمىدى، ھەرخىل پەند-نەسىھەتلەرنى ئوقۇۋەرگەن بىلەنمۇ ئانچە پايدىسى بولماي، كۈندە دوستلار چەمبىرىكىدە نۇرغۇن ۋاقىت ئىسراپ قىلىندى. ئەمەلىي تۇرمۇشتا دائىم نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ھەركۈنى نۇرغۇن ۋاقتىنى دوستلار چەمبىرىكىگە سەرپ قىلغانلىقى، ئەمەلىي دوستلۇققا ئەھمىيەت بېرىشنى ئۇنتۇپ قېلىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى ۋايساشلارنى، ھەركۈنى نۇرغۇن ۋاقىتنى چەمبىرەكتىكى پەند-نەسىھەتلەرنى ئوقۇشقا سەرپ قىلىپ، ئەمەلىي قاتلامدىكى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ئۆگىنىش ۋە پىكىر يۈرگۈزۈشكە ئېتىبارسىز قارىغانلىقى ھەققىدىكى ۋايساشلار ئاڭلىنىپ تۇرىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر