باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەسكەرلىككە قوبۇل قىلىش خىزمىتى 1 - ئاۋغۇست باشلىنىدۇ

2016.07.27 15:42         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 25-ئىيۇل، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، شىنجاڭ ھەربىي رايونىنىڭ ئەسكەرلىككە قوبۇل قىلىش خىزمىتى تېلېۋىزىيە تېلېفون يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلىپ، 2016 - يىللىق ئەسكەرلىككە قوبۇل قىلىش خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل مەملىكەت بويىچە ئەسكەرلىككە قوبۇل قىلىش خىزمىتى 1- ئاۋغۇستتىن باشلىنىپ، 30 - سېنتەبىر ئاخىرلىشىدىكەن. ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىستودېنتلارنى ئەسكەرلىككە ئېلىشنى تەشكىللەش ۋاقتى مۇۋاپىق ئالدىغا سۈرۈلىدىكەن. ئەسكەرلىككە قوبۇل قىلىش ئوبيېكتى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ (كەسپىي تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ، ئوتتۇرا تېخنىكۇم، كەسپىي مەكتەپ)تىن يۇقىرى مەلۇماتقا ئىگە ياشلار ئاساس قىلىنغان ئىستودېنتلارنى ئەسكەرلىككە ئېلىش خىزمىتىنى نۇقتىلىق ياخشى ئىشلەپ، يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە ياشلار ۋە نۆۋەتتە ئوقۇش پۈتكۈزىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەربىي سەپكە كىرىشى ئالدىن تەستىقلىنىدىكەن. بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر، ئۆلكە مەركىزى بولغان شەھەرلەر ۋە ئالىي مەكتەپلەر مەركەزلەشكەن رايونلارنىڭ ھەممىسىدە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىن يۇقىرى مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە ياشلاردىن ئەسكەرلىككە قوبۇل قىلىنىدىكەن.

  ئەسكەرلىككە قوبۇل قىلىنىدىغان قىزلار ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزىدىغان ئوقۇغۇچىلار ۋە ئادەتتىكى پۈتۈن كۈنلۈك ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزۈش ئالدىدا تۇرغان ئوقۇغۇچىلار ۋە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار بولۇشى كېرەككەن. ئاللىقاچان ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىنغان ۋە ھازىر ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ۋە ئورگان، جەمئىيەت، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلاردىكى ئالىي تېخنىكومدىن يۇقىرى مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە ياشلارمۇ ئەسكەرلىككە تىزىملاتسا بولىدىكەن. خەتەردىن، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە قايتا قۇرۇش جەريانىدا ئىپادىسى گەۋدىلىك بولغان ياشلار ھەربىي سەپكە ئالدىن قوبۇل قىلىنىدىكەن. ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ پەرزەنتلىرى، خىزمەت ئۈستىدە ۋاپات بولغان ھەربىيلەر پەرزەنتلىرى شەرتكە ئۇيغۇن بولسا، ھەربىي سەپكە كىرىشى ئالدىن تەستىقلىنىدىكەن.

  يىغىندا ئەسكەرلىككە قوبۇل قىلىش يېشى ئېنىق بېكىتىلدى، ئوغۇللار 18ياشتىن 22 ياشقىچە، ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر 24 ياشقىچە بولسا بولىدۇ، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەلۇماتىغا ئىگە ئوغۇللار 20 ياشتىن چوڭ بولماسلىقى لازىم; قىزلار 18 ياشتىن 22 ياشقىچە بولىدۇ، ئۆزى ئىختىيار قىلسا، 17 ياشقا كىرگەن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرمۇ ئەسكەرلىككە تىزىملاتسا بولىدۇ. يېشى ماس كېلىدىغان ياشلار 5- ئاۋغۇستتىن بۇرۇن « مەملىكەتلىك ئەسكەرلىككە قوبۇل قىلىش تورى » ( http://www.gfbzb.gov.cn) غا كىرىپ، تىزىمغا ئالدۇرسا بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر