باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسىنىڭ شەھەر تۇرمۇشىغا سىڭىشىشى ھەققىدە خۇشخەۋەر كەلدى

2016.07.27 16:15         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  نۆۋەتتە، ئېلىمىزدىكى يېرىمدىن ئارتۇق نوپۇس شەھەرلەردە ياشىماقتا، ئۈچتىن بىر قىسىم ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسى شەھەرلەردە دائىمىي تۇرماقتا. ئەنئەنىۋى توپلىشىپ ئولتۇراقلىشىش رايونلىرىدا ياشاۋاتقان نۇرغۇن ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسى شەھەرلەرگە يۆتكىلىپ، يېڭى تۇرمۇش ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى ئىزدىمەكتە، نۇرغۇن شەھەرلەردىكى دائىمىي تۇرۇشلۇق ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسى ۋە كۆچمە نوپۇسنىڭ سانى ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد ئولتۇراقلىشىپ كەلگەن ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ نوپۇسىدىن بەكلا ئاشتى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى كۆپ قىسىم ئۆلكە مەركىزىي شەھەرلىرىدە 55 ئاز سانلىق مىللەتنىڭ ھەممىسى بار بولدى، نوپۇسى ئۆزلۈكسىز ئاشتى. شەھەر مىللەتلەر خىزمىتىنى قانۇن بويىچە قانداق كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش تەخىرسىز مەسىلە بولۇپ قالدى.

  گوۋۇيۈەن قانۇنچىلىق ئىشخانىسى يېقىندا شەھەر مىللەتلەر خىزمىتى نىزامىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشكە رەسمىي ئاشكارا پىكىر ئېلىشقا باشلىدى، بۇ-ئېلان قىلىنىپ يولغا قويۇلغىنىغا 23 يىل بولغان «شەھەر مىللەتلەر خىزمىتى نىزامى»نىڭ ماھىيەتلىك تۈزىتىش كىرگۈزۈش باسقۇچىغا كىرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  نىزامغا بۇ قېتىمقى تۈزىتىش كىرگۈزۈشتە ئاساسلىقى مەركەز مىللەتلەر خىزمىتى يىغىنى، مەملىكەتلىك شەھەر مىللەتلەر خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھى قوبۇل قىلىندى شۇنداقلا ھازىرقى نىزامدىكى بىر قىسىم ۋاقتى ۋە سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا ئۇيغۇنلىشالمايدىغان مۇنداق بىر قىسىم مەزمۇنلارغا تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى: 1-قانۇن چىقىرىش نىشانىدا، «باراۋەر، ئىتتىپاق، ئۆز ئارا ياردەم بېرىدىغان، ئىناق سوتسىيالىستىك مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى پۇختىلاش ۋە راۋاجلاندۇرۇش» مەزمۇنى يېڭىدىن كۆپەيتىلدى. خىزمەت پىرىنسىپى جەھەتتە، «شەھەر مىللەتلەر خىزمىتىدە ھەممىگە باراۋەر مۇئامىلە قىلىش، ئوخشاش كۆزدە قاراشتا چىڭ تۇرۇش» بەلگىلەندى. 2-شەھەر مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ تۈزۈلمە مېخانىزمى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئۆز رايونىدىكى شەھەر مىللەتلەر خىزمىتىگە بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىشى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. 3-مىللىي كەمسىتىشكە قارشى تۇرۇپ، مىللەتلەر باراۋەرلىكى پىرىنسىپىنى قوغداش، شەھەرلەردىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ بەزى تەرەپلەردە ئادالەتسىز مۇئامىلىگە ئۇچرىشىدىن ساقلىنىش يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. 4-ئاز سانلىق مىللەت كۆچمە نوپۇسلىرىغا مۇلازىمەت قىلىشنى باشقۇرۇش خىزمىتى كۈچەيتىلىدۇ. ئاز سانلىق مىللەت كۆچمە نوپۇسلىرىغا ئادىل، ھەققانىي مۇئامىلە قىلىش مەزمۇنى يېڭىدىن كۆپەيتىلىپ، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ بازارلارغا باراۋەر كىرىشى، شەھەرلەرگە باراۋەر سىڭىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىنىپ، رايون ھالقىغان ئاز سانلىق مىللەت كۆچمە نوپۇسلىرىغا مۇلازىمەت قىلىشنى باشقۇرۇش مېخانىزمى ئورنىتىلىدۇ. 5-مەھەللە مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ مەزمۇنى كۆپەيتىلدى. شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ پائال شارائىت يارىتىپ، ئاز سانلىق مىللەت كۆچمە نوپۇسلىرىنى مەھەللە تۇرمۇشىغا قاتنىشىشقا يېتەكلەپ، ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ بىللە ياشاش، بىللە ئۆگىنىش، بىللە ئىشلەش، بىللە بەھىرلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەكلىكى ھەققىدىكى مەزمۇنلار يېڭىدىن كۆپەيتىلدى.

  بۇندىن باشقا، مۇسۇلمانچە يېمەكلىكلەرنى باشقۇرۇشنى قانۇن بويىچە كۈچەيتىش ۋە ئۈنۈملۈك تەمىناتقا كاپالەتلىك قىلىش؛ ئاز سانلىق مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان كوچا-مەھەللىلەرنىڭ تارىخىي مەدەنىيەت ئەنئەنىسىنى جارى قىلدۇرۇش، ھەر قايسى مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مەكتەپلەردە بىللە ئوقۇشىغا ئىلھام بېرىش، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تېبابەت، دورا ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، مىللىيچە مەدەنىيەت، تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇش قاتارلىقلار ھەققىدىمۇ بەلگىلىمە چىقىرىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر