باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى ھازىرقى ئىقتىسادىي ۋەزىيەت ۋە كېيىنكى يېرىم يىللىق ئىقتىساد خىزمىتى توغرىسىدا پارتىيە سىرتىدىكى زاتلار سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزدى

شى جىنپىڭ رىياسەتچىلىك قىلدى ۋە مۇھىم سۆز قىلدى، لى كېچياڭ ئالاقىدار ئەھۋاللارنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى، يۈجېڭشېڭ، ليۇ يۈنشەن، جاڭ گاۋلى يىغىنغا قاتناشتى

2016.07.27 15:48         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى 25-ئىيۇل جۇڭنەنخەيدە پارتىيە سىرتىدىكى زاتلار سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ھازىرقى ئىقتىسادىي ۋەزىيەت ۋە كېيىنكى يېرىم يىللىق ئىقتىساد خىزمىتى توغرىسىدا ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە پارتىيە-گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىللىرىنىڭ تەكلىپ-پىكىرلىرىنى ئاڭلىدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ۋە مۇھىم سۆز قىلدى.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى لى كېچياڭ، يۈ جېڭشېڭ، ليۇ يۈنشەن، جاڭ گاۋلى سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى. لى كېچياڭ ئالدىنقى يېرىم يىللىق ئىقتىسادىي خىزمەتكە ئالاقىدار ئەھۋاللارنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كېيىنكى يېرىم يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئويلىرىنى تونۇشتۇردى.

  سۆھبەت يىغىنىدا، جۇڭگو گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋەن ئېشياڭ، جۇڭگو دېموكراتىيە ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى جاڭ باۋۋېن، جۇڭگو دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇش جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى چېن چاڭجى، جۇڭگو دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى يەن جۈنچى، ئىشچىلار دېموكراتىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى چېن جۇ، ئادالەتپەرۋەرلەر پارتىيەسى مەركىزى كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋەن گاڭ ، 3-سېنتەبىر ئىلمىي جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى خەن چىدې، تەيۋەن دېموكراتىك ئاپتونومىيە ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى لىن ۋېنيى، مەملىكەتلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ۋاڭ چىنمىن، پارتىيە-گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىلى لىن يىفۇلار سۆز قىلدى. ئۇلار ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئېلىمىزنىڭ ھازىرقى ئىقتىسادىي ۋەزىيىتى ھەققىدىكى تەھلىلى ۋە كېيىنكى يېرىم يىللىق ئىقتىسادىي خىزمەتلەر ھەققىدىكى ئويلىرىنى قوللىدى ھەم تەمىنلەش جەھەتتىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدىكى ھالقىلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكىسىدا ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىش، ئەلئارا سېلىنمىنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئەمەلىي ئىقتىساد كارخانىلىرىنىڭ تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش، يەرلىك باج سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، كۈتۈنۈش سىستېمىسى بەرپا قىلىش، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنى قوللاش مۇلازىمىتى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، يېزىلارنىڭ ئاساسىي قاتلام ئۇلىنى چىڭىتىش جەھەتلەردىكى تەكلىپ-پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر