خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «1-ئاۋغۇست» ئارمىيە بايرىمى كېلىش ئالدىدا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 27-ئىيۇل چۈشتىن بۇرۇن قۇرۇقلۇق ئارمىيە ئورگىنىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە ھەربىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن، قۇرۇقلۇق ئارمىيەنىڭ تۇنجى قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيى ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى، خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ كوماندىر-جەڭچىلىرى، قوراللىق ساقچى قىسىمنىڭ ئوفىتسېر-ئەسكەرلىرى، خەلق ئەسكەرلىرى زاپاس خادىملىرىغا بايراملىق سالام يوللىدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيەنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى ۋەزىيەتتىكى ھەربىي ئىشلار ئىستراتېگىيەلىك فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، سىياسىي ئارمىيە قۇرۇلۇشى، ئارمىيەنى كۈچەيتىش ئىسلاھاتى، ئارمىيەنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشتىن تەۋرەنمەي، ئۇچۇر دەۋرىدىكى قۇرۇقلۇق ئارمىيەنىڭ قۇرۇلۇش ئەندىزىسى ۋە ھەرىكەت ئۇسۇلىنى ئىگىلەپ، ھەرىكەتچان ئۇرۇش قىلىش، ئىستېرېئولۇق ھۇجۇم قىلىش ۋە مۇداپىئەلىنىشنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تەلىپى بويىچە، يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا قۇرۇقلۇق ئارمىيەنىڭ تىپ ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، تىرىشىپ كۈچلۈك، زامانىۋىلاشقان يېڭىچە قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى قۇرۇپ چىقىش كېرەك.
قۇرۇقلۇق ئارمىيە رەھبەرلىك ئورگىنى بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى قارار، ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن قۇرۇلۇپ، شى جىنپىڭ ئۆز قولى بىلەن قۇرۇقلۇق ئارمىيەگە ھەربىي بايراقنى تۇتقۇزۇپ نۇتۇق سۆزلىگەنىدى. شى جىنپىڭ يېڭى ۋەزىيەتتىكى قۇرۇقلۇق ئارمىيە قۇرۇلۇشىنىڭ تەرەققىياتىغا ئىزچىل كۆڭۈل بۆلدى. شى جىنپىڭ چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9:30لەرە قۇرۇقلۇق ئارمىيە رەھبەرلىك ئورگىنىغا بېرىپ، قۇرۇقلۇق ئارمىيەنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك پارتىيە قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، كۆپچىلىك بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى. سۈرەتكە چۈشۈپ بولغاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ قۇرۇقلۇق ئارمىيە ئورگىنى گازارمىلىرى ئورۇنلىشىش ئەھۋالىنىڭ دوكلاتىنى ئاڭلىدى. بۇ قېتىملىق ئىسلاھاتتا يېڭىدىن تەشكىللەپ قۇرۇلغان ئورۇنلار كۆپ، شى جىنپىڭ ئالاقىدار تەرەپلەردىن ئوفىتسېر-ئەسكەرلەرنى غەمدىن خالاس قىلىپ، ياخشى خىزمەت ۋە تۇرمۇش شارائىتى يارىتىپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى