باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

خەلقئارا قىسقا خەۋەرلەر

2016.07.28 15:17         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  * تۈركىيە زۇڭلىسى يىلدىرىم 25 – ئىيۇل: تۈركىيە ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش مۇساپىسىنى باشلايدۇ، دېدى. يىلدىرىم شۇ كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا: كابىنېت يىغىنىدىن ئىلگىرى زۇڭتۇڭ ئەردوغان ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى ھەم ئىككى ئاساسلىق ئۆكتىچى پارتىيە جۇمھۇرىيەتچىلەر خەلق پارتىيەسى ۋە مىللىي ھەرىكەت پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، كىچىك دائىرىدە ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش مۇساپىسىنى باشلاش توغرىسىدا ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى، دېدى.

  * ب د ت يىغىنى 25 – ئىيۇل قارار ماقۇللاپ، خەلقئارا كۆچمەنلەر تەشكىلاتىنىڭ ب د ت سىستېمىسىغا كىرىشىنى تەستىقلىدى، ئىككى تەرەپ بۇ يىل سېنتەبىردە رەسمىي ئالاقىدار كېلىشىم ئىمزالايدۇ. ب د ت يىغىنى شۇ كۈنى قارار ماقۇللاپ، ‹‹ب د ت بىلەن خەلقئارا كۆچمەنلەر تەشكىلاتى ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت كېلىشىمى›› قارار لايىھەسىنى تەستىقلاپ، خەلقئارا كۆچمەنلەر تەشكىلاتىنىڭ ب د ت سىستېمىسىدىكى ئالاقىدار ئورگان بولۇشىغا قوشۇلدى.

  * ب د ت يىغىنى 25 – ئىيۇل بىردەك قارار ماقۇللاپ، ب د ت نىڭ ئىراققا ياردەم بېرىش ئۆمىكىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىنى بىر يىل ئۇزارتىشنى، شۇنداقلا ‹‹شام ئىسلام دۆلىتى›› رادىكال تەشكىلاتى قاتارلىق رادىكال تەشكىلاتلارنىڭ ئىراققا كەلتۈرگەن تەھدىتىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈشىنى قارار قىلدى. قاراردا مۇنداق دېيىلدى: ‹‹شام ئىسلام دۆلىتى›› رادىكال تەشكىلاتى ۋە ئالاقىدار قوراللىق تەشكىلاتلارنىڭ ھەرىكىتى نۇرغۇن ئىراق پۇقرالىرىنى تالاپەتكە ئۇچراتتى، 3 مىليوندىن ئارتۇق ئىراقلىق ئۆي – ماكانسىز قالدى، بۇ ئېغىر خەۋپسىزلىك تەھدىتى پەيدا قىلدى. خەۋپسىزلىك كېڭىشى بۇنىڭغا يېقىندىن كۆڭۈل بۆلىدۇ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئىراقتىكى تەھدىتنى تۈگىىش جەھەتتە ئىراقنى قوللىشىنى مۇراجىئەت قىلىدۇ.

  * پاپۇئا يېڭى گۋېنىيەسى لورېنگائۇ شەھىرىنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا تەخمىنەن 128 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا 26 – ئىيۇل 6.4 بال يەر تەۋرىدى. يەر تەۋرەش شۇ جاي ۋاقتى 26 – ئىيۇل سائەت 38: 5 مىنۇت ئۆتكەندە (بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 38: 3 مىنۇت ئۆتكەندە) يۈز بەرگەن.

  * سەئۇدى ئەرەبىستان رەھبەرلىكىدىكى كۆپ دۆلەت بىرلەشمە ئارمىيەسى 25 – ئىيۇل: سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ‹‹ئاپاچ›› ناملىق بىر تىك ئۇچار ئايروپىلانى يەمەندە ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقاندا چۈشۈپ كېتىپ، ئايروپىلاندىكى ئىككى ئۇچقۇچى قازا قىلدى، دېدى. كۆپ دۆلەت بىرلەشمە ئارمىيەسىنىڭ باياناتىدا: بۇ تىك ئۇچار ئايروپىلان يەمەننىڭ ئوتتۇرا قىسىمىدىكى مارىب ئۆلكىسىدە ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقاندا ھاۋارايى شارائىتى ناچار بولغاچقا، چۈشۈپ كەتكەن، دېيىلدى. باياناتتا تىك ئۇچار ئايروپىلاننىڭ چۈشۈپ كەتكەن ۋاقتى تىلغا ئېلىنمىدى.

  * جەنۇبىي سۇدان زۇڭتۇڭى كېر 25 – ئىيۇل كەچتە زۇڭتۇڭ پەرمانى ئېلان قىلىپ، ماشارنى 1 – مۇئاۋىن زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا كانچىلىق مىنىستىرى تالبان دون گاينى تەيىنلىگەنلىكىنى، مالىيە مىنىستىرى داۋىد دېنگو ئاسوبىنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇپ، سودا – سانائەت مىنىستىرى ستېفېن دىئون دونى ئۇنىڭ ئورنىغا تەيىنلىگەنلىكىنى جاكارلىدى.

  * ئافرىقا ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسى، چاد زۇڭتۇڭى ئىدرىس دېبى ئىتېنو 25 – ئىيۇل ماۋرىتانىيە پايتەختى نوۋاكشوتتا ئۆتكۈزۈلگەن 27 – نۆۋەتلىك ئەرەب دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشقاندا، ئافرىقا ئىتتىپاقى بىلەن ئەرەب دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى ئارىسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، تېررورلۇققا ئورتاق زەربە بېرىشنى مۇراجىئەت قىلدى.

  * جۇڭگونىڭ ميۇنخېندىكى باش كونسۇلخانىسى 25 – ئىيۇل: گېرمانىيە ساقچى دائىرىلىرى باش كونسۇلخانىدىن گېرمانىيەنىڭ باۋارىيە ئىشتاتىنىڭ ئانسباخ شەھىرىدە 24 – ئىيۇل يېرىم كچىدە يۈز بەرگەن پارتلىتىش ۋەقەسىدە جۇڭگولۇق پۇقرانىڭ تالاپەتكە ئۇچرىمىغانلىقىنى دەلىللىدى، دېدى.

  * ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى بىر ھەربىي مەشىق مەيدانىدا 25 – ئىيۇل پارتلاش ھادىسىسى يۈز بېرىپ، بىر ھەربىي قازا قىلىپ، سەككىز ھەربىي يارىلاندى. ئۇكرائىنا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئاخبارات ئىدارىسى ئېلان قىلغان خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، ۋەقە يۈز بەرگەن مەيدان ئۇكرائىنانىڭ جەنۇبىدىكى نىكولايېۋ ئوبلاستىغا جايلاشقان ئىكەن. ئەينى چاغدا بۇ ھەربىيلەر راست ئوق ئېتىش مەشىقى قىلىۋاتقان بولۇپ، 120 مىللىمېتىرلىق مىناميوت ئوقى تۇيۇقسىز پارتلاپ كەتكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر