باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

كابۇلدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمى ئېغىر تالاپەت پەيدا قىلدى

2016.07.28 15:17         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئافغانىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى 23 – ئىيۇل بايانات ئېلان قىلىپ: كابۇلدا بۈگۈن چۈشتىن كېيىن سائەت 30: 2 مىنۇت ئۆتكەندە ئادەمبومبا ھۇجۇمى يۈز بېرىپ، 80 كىشى قازا قىلدى، 231 كىشى يارىلاندى، دېدى. رادىكال تەشكىلات ‹‹شام ئىسلام دۆلىتى›› بۇ تېررورلۇق ھۇجۇمىغا جاۋابكار ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. بۇ ‹‹شام ئىسلام دۆلىتى›› نىڭ تۇنجى قېتىم ئافغانىستان پايتەختىدە قوزغىغان ھۇجۇمى بولۇپ، سىرتتىكىلەرنىڭ ‹‹شام ئىسلام دۆلىتى›› نىڭ ئافغانىستاندىكى كۈچىنىڭ كۈنسېرى ئېشىۋاتقانلىقىغا بولغان ئەندىشىسىنى قوزغىدى.

  باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: ۋەقە يۈز بەرگەندە نەچچە مىڭ خازارا ئاممىسى كابۇلدا كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزۈپ، ئافغانىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئاساسلىق بىر توك يەتكۈزۈش سىمىنى تارتىش يولىنى ئۆزگەرتكەنلىكىگە ئېتىراز بىلدۈرۈۋاتقانىدى. ئۈچ ئادەمبومبا بۇ قېتىمقى ھۇجۇمغا قاتناشقان، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر ھۇجۇمچى نامايىشچىلار ئارىسىدا بەدىنىدىكى پارتلاتقۇچنى پارتلاتقان، يەنە بىرسى ئۈنۈملۈك ھۇجۇم قوزغىيالمىغان، ئۈچىنچىسى ئافغانىستان خەۋپسىزلىك قىسىمى تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن.

  ھۇجۇم يۈز بەرگەندىن كېيىن ‹‹شام ئىسلام دۆلىتى›› بىلەن ئالاقىسى بار بىر تور بېكىتىدە قىسقا بايانات ئېلان قىلىنىپ، بۇ قېتىمقى ھۇجۇمنى ‹‹شام ئىسلام دۆلىتى›› نىڭ پەيدا قىلغانلىقى ئېيتىلدى. باياناتتا يەنە: ھۇجۇم ئاساسلىقى كابۇلغا توپلاشقان شىئەلەرگە قارىتىلدى، دېيىلدى. رېيتىر ئاگېنتلىقى ئافغانىستان دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى ئەمەلدارىنىڭ سۆزىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دېدى: ھۇجۇمنى ئافغانىستاننىڭ شەرقىدىكى نانگارخار ئۆلكىسىدىكى ‹‹شام ئىسلام دۆلىتى›› قوراللىقلىرى پىلانلاپ قوزغىغان.

  ئافغانىستان تالىبانلىرىنىڭ باياناتچىسى زەبىئۇللا مۇجاھىد بايانات ئېلان قىلىپ، تالىباننىڭ بۇ قېتىمقى ھۇجۇمغا قاتناشقانلىقىنى ئىنكار قىلدى ھەم بۇ ئىچكى ئۇرۇش قوزغىماقچى بولغان سۇيقەست، تالىبان ئافغانىستاندىكى ئوخشاشمىغان مىللەت ۋە دىنىي كۈچلەر ئارىسىدا ئىختىلاپ پەيدا قىلىدىغان ھەرىكەتلەرنى ئەيىبلەيدۇ، دېدى.

  ئافغانىستان زۇڭتۇڭى غەنى 23 – ئىيۇل مەملىكەتكە تېلېۋىزىيە نۇتقى سۆزلەپ، بۇ قېتىمقى تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى ھەم 24 – ئىيۇلنى مەملىكەت بويىچە تەزىيە بىلدۈرۈش كۈنى، دەپ جاكارلىدى. ب د ت باش كاتىپى بان كىمون 23 – ئىيۇل باياناتچىسى ئارقىلىق بايانات ئېلان قىلىپ، كابۇلدا 23 – ئىيۇل يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى، ئافغانىستان ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىگە مەدەت بەردى. پاكىستان زۇڭلىسى شېرىف 23 – ئىيۇل كابۇلدىكى پارتلىتىش ھۇجۇمىنى كۈچلۈك ئەيىبلەپ: تېررورلۇق پاكىستان بىلەن ئافغانىستاننىڭ ئورتاق دۈشمىنى، ئىككى دۆلەت قول تۇتۇشۇپ تېررورلۇق تەھتىدىگە تىرىشىپ زەربە بېرىشى كېرەك، دېدى.

  جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى لۇ كاڭ 24 – ئىيۇل مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئافغانىستاننىڭ كابۇلدا تېررورلۇق ھۇجۇمى يۈز بېرىپ، زور تالاپەت پەيدا قىلغانلىقىدىن قاتتىق غەزەپلەندى، جۇڭگو بۇ تېررورلۇق قىلمىشىنى كۈچلۈك ئەيىبلەيدۇ، جۇڭگو ئافغانىستان ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنىڭ تېررورلۇققا زەربە بېرىش، دۆلەتنىڭ مۇقىملىقى ۋە خەلقنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى داۋاملىق قوللايدۇ.

  پاكىستان ئىسلامئاباد ئىستراتېگىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ ئافغانىستان مەسىلىسى تەتقىقاتچىسى ئامىنە خان گېزىتىمىز مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى ھۇجۇم ئافغانىستاننىڭ دۆلەت ئىچى خەۋپسىزلىك ۋەزىيىتىنىڭ يەنىلا داۋالغۇپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى، دۆلەت ئىچىدىكى تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە يەنىلا ناھايىتى ئۇزاق يولنى بېسىشقا توغرا كېلىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. ‹‹شام ئىسلام دۆلىتى›› سۇرىيە ۋە ئىراقتىكى ئۇرۇش مەيدانىدا ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراپ، ياۋروپا ۋە ئەتراپتىكى رايونلارغا يامراش يۈزلىنىشى كۆرۈلدى، بۇ، كىشىنى ئەندىشىگە سالىدۇ. رادىكالىزم ۋە تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش خەلقئارا ئورتاق تونۇشقا ئايلىنىشى كېرەك، ھەرقايسى دۆلەتلەر قول تۇتۇشۇپ تىرىشچانلىق كۆرسەتسىلا، تېررورىزم ۋە رادىكالىزمنى ئۈنۈملۈك چەكلەشتە تېخىمۇ زور تەھدىت شەكىللەندۈرگىلى بولىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر