سۈرەتتە: 27-ئىيۇل، بېلارۇسىيە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچى ۋەكىللىرى شەرقىي جەنۇب ئۇنىۋېرسىتېتىنى ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شۇ كۈنى، بېلارۇسىيەدىكى 26 ئالىي مەكتەپتىن كەلگەن 100 ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچى ۋەكىللىرىدىن تەشكىللەنگەن «بېلارۇسىيە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ جۇڭگودىكى يازلىق لاگېر پائالىيىتى»دە ئوقۇغۇچىلار نەنجىڭ شەرقىي جەنۇب ئۇنىۋېرسىتېتىنى زىيارەت قىلدى. يازلىق لاگېر پائالىيىتى ئەزالىرى شەرقىي جەنۇب ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، «جۇڭگونىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىش ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتى» توغرىسىدىكى لېكسىيەنى ئاڭلىدى ھەم ئەدەبىيات- سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆرسەتتى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى