ئىيۇلنىڭ باشلىرىدىن باشلاپ تاشقىن مەزگىلى كىرگەندىن بۇيان، چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ تارماق ئېقىنى ۋە يۇقىرى ئېقىنىدىن كەلگەن لەيلىمە ئەخلەتلەر سەنشيا سۇ ئامبىرى رايونىغا ئېقىپ كىرگەن، چاڭجياڭ دەرياسى سەنشيا گۇرۇھى شىركىتى بىلەن سەنشيا سۇ ئامبىرى مۇھىت ئاسراش تارماقلىرى مەخسۇس خادىملارنى ئاجرىتىپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن ئەخلەتلەرنى تازىلاپ، سەنشيا سۇ ئامبىرىدا سۇ سۈپىتىنىڭ بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، پاراخوتلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلغان.