خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ تاڭشەندىكى يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا ۋە يېڭى تاڭشەن قۇرۇلغانلىقىغا 40 يىل بولغان پەيتتە، خېبېي ئۆلكىسىنىڭ تاڭشەن شەھىرىگە كېلىپ، 13 - بەش يىللىق يىرىك پىلاننى يولغا قويۇش، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتنى يېنىكلىتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش خىزمەتلىرىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: تەبىئىي ئاپەت بىلەن كۈرەش قىلىش ئىنسانلارنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە تەرەققىياتىدىكى مەڭگۈلۈك تېما. ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ ئاڭلىقلىق بىلەن ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتنى يېنىكلىتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش بىلەن ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىپ، تۈرلۈك تەبىئىي ئاپەتلەرگە تاقابىل تۇرۇش ئەمەلىيىتى داۋامىدا تەجرىبىلەرنى ئۈزلۈكسىز يەكۈنلەپ، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىستېمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بايلىقلارنى بىرىكتۈرۈپ، كۈچنى بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش ئېڭىنى ئۆستۈرۈپ، دۆلەتنىڭ ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتنى يېنىكلىتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئۇنىۋېرسال ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئاشۇرۇش كېرەك.
40 يىل غەيرەت قىلىپ، تىرىشىپ گۈللەندۈرۈش ئارقىلىق يېڭى تاڭشەن جەسۇرانە قىياپەتتە قەد كۆتۈردى. 1976 - يىلى 28 - ئىيۇل سەھەردە تاڭشەندە 7.8 بال قاتتىق يەر تەۋرەپ، 240 مىڭ كىشى تالاپەتكە ئۇچرىدى، 160 مىڭ كىشى ئېغىر يارىلاندى، 100 يىللىق سانائەت شەھىرى كۆزنى يۇمۇپ - ئاچقۇچە تۈپتۈز قىلىۋېتىلدى. بۇ يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان مەملىكىتىمىزدە يۈز بەرگەن ئەڭ چوڭ بىر قېتىملىق ئاپەت بولۇپ، تاڭشەن خەلقىنىڭ ھاياتى ۋە مال - مۈلكى غايەت زور زىيانغا ئۇچرىدى. ھازىرقى تاڭشەن ئەينى يىلىدىكى كۈچلۈك يەر تەۋرەش خارابىسىدىن قەد كۆتۈرۈپ، يېڭىدىن گۈللەنگەن زامانىۋى شەھەر.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى