باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ئوباما ھىلارىنى قوللىدى

2016.07.29 17:32   مەنبە: خەلق تورى

ئوباما ھىلارىنى قوللىدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا زوڭتوڭى ئوباما 27-ئىيۇل پېنسىلۋانىيە شىتاتىنىڭ فېلادىلفىيەدە ئېچىلغان دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىدا سۆز قىلىپ، دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ زوڭتوڭلۇق نامزاتى ھىلارى كىلىنتون زوڭتوڭلۇق ۋەزىپىسىنىڭ ھۆددىسىدىن ئەڭ ياخشى چىقالايدىغان نامزات، دەپ ماختىدى. ئۇ يەنە جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ زوڭتوڭلۇق نامزاتى ترامپنى ئامېرىكىنىڭ قىممەت قارىشىغا بولغان بىر چوڭ تەھدىت، دېدى.

  شۇ كۈنى كەچتە ھىلارىينىڭ سايلام ھەمراھى، ئامېرىكا ۋېرگىنىيە شىتاتىنىڭ فېدېراتسىيە كېڭەش پالاتا ئەزاسى تىم كەين دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن زوڭتوڭلۇق نامزاتلىقىنى رەسمىي قۇبۇل قىلغان. بىراق ئوباما 44 مىنۇتلۇق سۆزىدە ۋاقىتنىڭ ھەممىسىنى ئاساسەن ھىلارىينى ماختاش ۋە ترامپنى سۆكۈشكە سەرپ قىلدى. ئۇ، 2016-يىللىق زوڭتوڭ سايلىمى بولسا، سىناقتىن ئۆتكەن، ھەمدە ئامېرىكىدىكى ئوتتۇرا بۇرژىئازىيە ئۈچۈن كۆرەش قىلىدىغان بىر رەھبەر بىلەن «يىراق-يىراقلاردىكى» بىر مىلياردىر باي ئوتتۇرىسىدىكى تاللاشتۇر، دېدى.

  ئوباما ھىلارىنى ماختاپ، ئۇنىڭدا رەھبەرلەردە بولۇشقا تېگىشلىك پاراسەت، ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى ۋە ئۆزىنى كونترول قىلىش ئىقتىدارى بار، ھەمدە ناھايىتى يۇقىرى بولغان كەسپىي ئەخلاق ئۆلچىمى بار، دېدى.

  ئوباما يەنە ترامپنى ئەيىپلەپ، ئۇ ئامېرىكىنىڭ زاۋال تېپىشىنى تىلەۋاتىدۇ، ئامېرىكا خەلقىنى ئۆز ئارا نارازى بولۇشقا كۈشكۈرتمەكتە، ھەمدە ئامېرىكىنىڭ دۇنيادىكى باشقا رايونلار بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئازايتماقچى بولدى، دېدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·يۇقىرى نومۇر ئەقىللىقلىقنىڭ ئىپادىسىمۇ؟
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ھەقلىق دەرس تولۇقلاش ۋە سوۋغا-سالام قوبۇل قىلىش قىلمىشلىرىنى تىزگىنلەيدىكەن
    ·ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تولۇق كۇرس 2 - تۈركۈمى بويىچە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى باشلاندى
    ·«جىددىي ھالەت» ئاستىدا تۇنجى زۇڭتۇڭ بۇيرۇقى ئىمزالاندى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ھەقلىق دەرس تولۇقلاش ۋە سوۋغات قوبۇل قىلىش مەسىلىلىرىنى تىزگىنلەيدۇ 
    ·بېيجىڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ئۆسمۈرلەر ئاخبارات تارقىتىش ئىنستىتۇتى قۇرۇلدى
    ·ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نامىدىكى ئالدامچىلىقلاردىن ساقلىناي دېسىڭىز، بەش ئىشقا دىققەت قىلىڭ
    ·تۈزۈم قەپىسىنى چىڭىتىپ، ئىلىمدىكى ناچار قىلمىشلارنى تۈزەيلى
    ·سانجى شەھىرى تەڭرىتاغ 1-نومۇرلۇق مۇزلۇقىنى قوغداش پونكىتى تەسىس قىلدى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: پىروفېسسور بولۇش ئۈچۈن چوقۇم تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىلىرىغا دەرس ئۆتۈش لازىم