باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

تۈركىيە ئىشقا ئاشمىغان سىياسىي ئۆزگىرىشنىڭ كۆلىمىنى ئاشكارىلىدى: ئۇنىڭغا 9000غا يېقىن ھەربىي قاتناشقان

2016.07.29 16:14         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ماتېرىيال سۈرەت

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تۈركىيە ھەربىي تەرەپنىڭ 27- ئىيۇل كۈنى ئاشكارىلىشىچە، بۇ ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىكى ئىشقا ئاشمىغان سىياسىي ئۆزگىرىشكە قاتناشقان تۈركىيە ھەربىيلىرىنىڭ سانى 9000غا يېقىن بولۇپ، ئۇلار قوراللىق قىسىم ئومۇمىي سانىنىڭ %1.5نى ئىگىلەيدىكەن.

  تۈركىيە ھەربىي تەرەپنىڭ ھۆكۈمەت ئورگىنى تاراتقۇسىدا ئېلان قىلغان بىر پارچە باياناتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئىشقا ئاشمىغان بۇ سىياسىي ئۆزگىرىشتە، ھەربىي تەرەپتىن قاتناشقانلارنىڭ سانى 8651 نەپەر ئىكەن. سىياسىي ئۆزگىرىشنى قوزغىغانلار 24 ھەربىي ئايروپىلاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان 35 ئايروپىلان ۋە 8 قوراللىق تىكئۇچارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 37 تىك ئۇچار، ھەمدە 74 تانكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 246 ھەر خىل تىپتىكى برونىۋىك، ئۈچ ھەربىي كېمىنى ئىشقا سالغان.

  مەزكۇر باياناتتا دېيىلىشىچە، ئىشقا ئاشمىغان ھەربىي ئۆزگىرىشكە قاتناشقان ھەربىيلەر قىسىمدىكى ئومۇمىي ھەربىي سانىنىڭ %1.5نى ئىگىلەيدىكەن. دېمەك، بۇ، «مۇتلەق كۆپ قىسىم» ھەربىيلەرنىڭ سىياسىي ئۆزگىرىش پىلانىغا قەتئىي قارشى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر