باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

گېرمانىيە زوڭلىسى تەدبىر قوللىنىپ گېرمانىيەنىڭ بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

2016.07.29 17:31         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گېرمانىيە زوڭلىسى مېركىل 28-ئىيۇل بېرلىندا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، يېقىندا گېرمانىيەدە يۈز بەرگەن بىر قانچە قېتىملىق تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرىنى ئەيىبلىدى، ھەمدە تېررورىزمغا زەربە بېرىپ، گېرمانىيەنىڭ بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتىشتىكى «9 تۈرلۈك پىلان»نى ئېلان قىلدى.

  مېركىل ئېلان قىلغان «9 تۈرلۈك پىلان» ئاساسلىقى، پاناھلىق ئىلتىماسى قىلغانلارنى قايتۇرۇۋېتىشنىڭ شەرتىنى تۆۋەنلىتىش، مۇساپىرلارنىڭ ئەسەبىيلىك خاھىشىنى بايقاشتىكى «ئالدىن ئاگاھلاندۇرۇش سىستېمىسى»نى قۇرۇش، گېرمانىيە ساقچى ۋە ھەربىيلىرىنىڭ بىرلەشمە تېررورلۇققا قارشى چارىلىرىنى مانىۋېر قىلىشىنى تەشكىللەش، ياۋروپا ئىتتىپاقى قاتلىمىدا تېزدىن تېررورلۇققا قارشى ئاخبارات ئۇچۇرلىرى بىرلەشمە تورىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

  ئۇ، «چوقۇم تەدبىر قوللىنىپ يوچۇقلارنى ئېتىشىمىز كېرەك»، دېدى.

  يېقىنقى 10 كۈندىن بۇيان، گېرمانىيەدە كۆپ قېتىم ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى. 22-ئىيۇل ميۇنخىندىكى قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدىن باشقا، 18-ئىيۇل ۋۇرزبۇرگتا ۋە 24-ئىيۇل ئەنسباخىردا يۈز بەرگەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنى ئايرىم ھالدا ئاففانىستانلىق ۋە سۇرىيەلىك مۇساپىرلار قىلغان بولۇپ، بۇ گېرمانىيە ئاممىسىنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ مۇساپىرلار سىياسىتىدىن ئومۇميۈزلۈك گۇمان قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر