باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ دۆلەت كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش باش قوماندانلىق ئىشتابىغا بېرىپ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتىنى تەكشۈرگەندە مۇنداق تەكىتلىدى:

مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ، تەدبىرلەرنى كۈچەيتىپ، داۋاملىق تىرىشىپ، خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

2016.08.02 14:00         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 29 - ئىيۇل دۆلەت كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش باش قوماندانلىق ئىشتابىغا بېرىپ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتىنى تەكشۈردى ھەم مەخسۇس خىزمەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، كېيىنكى باسقۇچتىكى كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش، قايتا قۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى يەنىمۇ ئورۇنلاشتۇردى.

  لى كېچياڭ دۆلەت كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش باش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ نۆۋەتچىلىك ئىشخانىسىغا كىرىپ، مەملىكەتنىڭ ھۆل - يېغىن ئەھۋالى، ئاپەت ئەھۋالىنىڭ ئەڭ يېڭى يۈزلىنىشىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى، چاڭجياڭ دەرياسى، خۇەيخې دەرياسى، دۇڭتىڭخۇ كۆلى، تەيخۇ كۆلى قاتارلىق نۇقتىلىق دەريا، كۆللەرنىڭ سۇ ئورنىنىڭ ئۆزگىرىشى، سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى ئورۇنلاشتۇرۇش، كەلگۈسىدىكى كەلكۈن ئەھۋالىنىڭ يۈزلىنىشى، شەھەرلەرنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش ئەھۋاللىرىنى سورىدى. ئۇ تاپىلاپ مۇنداق دېدى: بۇ يىل كەلكۈن مەزگىلى بالدۇر كەلدى، ئالدىنقى نەچچە ئايدا يولداشلار ئۇدا جەڭ قىلىپ ناھايىتى جاپا تارتتى، لېكىن ھازىر كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش يەنىلا مۇھىم پەيتتە تۇرماقتا، ھەرگىز بوشاشماي، جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرىدىغان نۆۋەتچىلىك قىلىش خىزمىتىنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەپ، كىچىككىنە خەتەرلىك ئەھۋال ۋە يوشۇرۇن ئاپەتلەرنى قويۇۋەتمەي، ئىنكاس قايتۇرۇشنىڭ ۋاقتىدا، قوماندانلىق قىلىشنىڭ كۈچلۈك، تاقابىل تۇرۇشنىڭ تەدبىرلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.

  يىغىندا دۆلەت كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش باش قوماندانلىق ئىشتابى، مېتېئورولوگىيە ئىدارىسىنىڭ مەسئۇللىرى دوكلات بەردى. لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: بۇ يىل ئالاھىدە كۈچلۈك ئېلنىنو ھادىسىسىنىڭ تەسىرىدە، ئېلىمىزنىڭ ھاۋا كىلىماتى نورمالسىز بولدى، كەلكۈن ئاپىتىدە كۆپ يىللاردىن بۇيان ئاز كۆرۈلىدىغان جەنۇبتىكى رايونلار بىلەن شىمالدىكى رايونلاردا تەڭ يۈز بېرىش، نۇرغۇن جايدا تەڭ يۈز بېرىشتەك كەسكىن ۋەزىيەت كۆرۈلدى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن بۇنىڭغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، كۆپ قېتىم ئورۇنلاشتۇرۇش قىلدى. ھازىر يەنىلا «دەككە - دۈككىدە بولۇۋاتقان» ھالقىلىق مەزگىلدە تۇرماقتىمىز، جايلار، ئالاقىدار تارماقلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ھازىرقى كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش، خەتەر ۋە ئاپەتتىن جىددىي قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، گوۋۇيۈەن ۋە دۆلەت كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش باش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە تەلىپىنى بىرلىكتە ھەمكارلىشىپ ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. بۇ يىل كەلكۈن ئەھۋالى ئادەتتىكى يىللارنىڭ ئوخشاش مەزگىلى بىلەن سېلىشتۇرغاندا ئېغىرراق بولدى، ھەربىيلەر بىلەن خەلق قول تۇتۇشۇپ بىرلىكتە ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇپ، خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىگە ئەڭ زور چەكتە كاپالەتلىك قىلىپ، كەلكۈن ئاپىتىنىڭ زىيىنىنى ئازايتتى، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتى كۈچلۈك، تەرتىپلىك، ئۈنۈملۈك بولدى. لېكىن قىسمەن رايونلاردىمۇ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش ئىقتىدارى يېتەرلىك بولماسلىق، جىددىي ئەھۋالغا ئىنكاس قايتۇرۇشى راۋان بولماسلىق قاتارلىق ئاجىز ھالقىلار ئاشكارىلاندى. ھازىر كەلكۈن ۋەزىيىتى يەنىلا مۇرەككەپ، قىيىنچىلىقنى تېخىمۇ تولۇق مۆلچەرلەپ، دەرىجىمۇ دەرىجە مەسئۇلىيەتنى يەنىمۇ چىڭىتىپ، بىخەتەرلىك ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ئاپەت تۈپەيلىدىن كىشىلەرنىڭ تالاپەتكە ئۇچرىشىدىن ھەقىقىي ساقلىنىپ ۋە تالاپەتنى ئازايتىپ، بۇ قېتىمقى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدا قەتئىي غەلىبە قىلىشىمىز كېرەك.

  لى كېچياڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئالدىنقى مەزگىلدىكى خىزمەتلەرنى مۇستەھكەملەش ئاساسىدا، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش، ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە خاتىرجەم قىلىش خىزمىتىنى تەڭ تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. بىرىنچى، «كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش» ئارقىلىق بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. جەنۇب ۋە شىمال ئىككى لىنىيەدە، كۆپلىگەن دەريالاردا كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش تەييارلىقىنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەش، دۆلەت كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش باش قوماندانلىق ئىشتابى تۈرگە ئايرىپ يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىشى، يەرلىك سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىپ، چارچاش، ئۇدا يۇقىرى تېمپېراتۇرا قاتارلىق قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشى، كۆزىتىش، ئالدىن سىگنال بېرىشنى كۈچەيتىشى، يوشۇرۇن ئاپەتلەرنى تۈگىتىشنى چىڭ تۇتۇپ، خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى، زور قۇرۇلۇش ۋە چوڭ - چوڭ ئەسلىھەلەرنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. كەلگۈسىدىكى تەيفىڭ بورىنى، قارا يامغۇر كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئېھتىماللىقى بولغان شەھەرلەردىكى ھۆلچىلىك ۋە قىيان، لاتقا - شېغىللىق ئېقىن قاتارلىق ئاپەتلەرگە پائال تاقابىل تۇرۇش، ھەرگىز بىپەرۋالىق قىلماسلىق، بەزى جايلار، بولۇپمۇ شىمالدىكى رايونلاردا يەنىلا ئېغىر ھۆل - يېغىن كۆرۈلۈش ئېھتىماللىقىغا قارىتا كىشىلەرنى يۆتكەپ خەتەردىن ساقلاش لايىھەسىنى ھەقىقىي ئىنچىكە، ئەمەلىي تۈزۈپ، ئالدىن سىگنال بېرىشنى يېزىلارغىچە، ئاگاھلاندۇرۇشنى كەنتلەرگىچە، مەسئۇلىيەتنى كىشىلەرگىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەتەر كۆرۈلسە ۋاقتىدا يۆتكەش كېرەك. خەتەر ئەھۋالىغا تاقابىل تۇرۇش كۈچلۈك بولماسلىق سەۋەبىدىن كىشىلەرنىڭ تالاپەتكە ئۇچرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشقا ھەرگىز يول قويۇلمايدۇ. ئىككىنچى، «ئورۇنلاشتۇرۇش» ئارقىلىق مۇقىملىققا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئالاقىدار تارماقلار زۆرۈر مەبلەغ ۋە ماددىي ئەشيالارنى يۆتكەش، ئاجرىتىپ بېرىشنى چىڭ تۇتۇپ، يەرلىكنىڭ ئاپەتكە ئۇچراپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئاممىنىڭ يەيدىغان تامىقى، كىيىدىغان كىيىمى، ئىچىدىغان پاكىز سۈيى، ۋاقتىدا داۋالىنىش، ۋاقىتلىق بىخەتەر تۇرار جايى بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشىغا ياردەم بېرىشى كېرەك. تەدبىر قوللىنىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋاقتىدا ئوقۇش باشلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى، ئاپەتتىن كېيىنكى سەھىيە يۇقۇم مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، شارائىتى بار جايلار قايتا قۇرۇش لايىھەسىنى بالدۇر ئىلمىي پىلانلاپ، ئالدى بىلەن ۋەيران بولغان مەكتەپ بىناسى، دوختۇرخانىلارنى مۇستەھكەملىشى ياكى قايتا رېمونت قىلىشى، زىيانغا ئۇچرىغان سۇ بىلەن تەمىنلەش، يول، ئېلېكتىر ئېنېرگىيە، خەۋەرلىشىش قاتارلىق ئەسلىھەلەرنى رېمونت قىلىشى ۋە قايتا ياسىشى كېرەك. ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ مەبلىغىنى جەلپ قىلىپ، كىچىك تىپتىكى سۇچىلىق ئەسلىھەلىرىنىڭ كەمتۈكلىرىنى تېزدىن تۈگىتىپ، ئاپەت يۈز بەرگەن رايونلارنى بالدۇرراق قايتىدىن ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلىشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپەتكە ئۇچراش تۈپەيلىدىن قىسمەن يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ تەمىنلىنىشىنىڭ قىس بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئېھتىماللىقىغا قارىتا، بازارنى تەڭشەش ۋە كونترول قىلىشنى كۈچەيتىپ، تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىپ، باھانى مۇقىملاشتۇرۇپ، ئاھالىلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا تەسىر كۆرسىتىشنى ئازايتىشى كېرەك.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: تەشكىلىي رەھبەرلىكنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، «مەسئۇلىيەت تۇغىنى»نى مۇستەھكەملەش كېرەك. جايلار، ئالاقىدار تارماقلار كىشىلەرنىڭ تالاپەتكە ئۇچرىشى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشتىمۇ - يوق؟ مۇھىم تۇغان ۋە سۇ ئامبارلىرى كەلكۈن مەزگىلىدىن بىخەتەر ئۆتتىمۇ - يوق؟ ئاپەتكە ئۇچرىغان ئامما مۇۋاپىق ئورۇنلاشتىمۇ - يوق؟ دېگەننى كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇپ، خەتەردىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ئۆلچەيدىغان ئاخىرقى ئۆلچەم قىلىشى، بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ھەرقايسى جەھەتلەردىكى كۈچلەرنى تەڭشەپ، كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇش، خەتەردىن ساقلىنىش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش، قايتا قۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى داۋاملىق بوشاشماي چىڭ تۇتۇشى ھەم جەمئىيەتنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشىگە ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەپ ۋاقتىدا جاۋاب قايتۇرۇشى، بۇ يىلقى كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش، خەتەر ۋە ئاپەتتىن جىددىي قۇتقۇزۇشنىڭ ئومۇميۈزلۈك غەلىبىسىنى جاسارەت بىلەن قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر