باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ خەت ئەۋەتىپ جۇڭگو - ئافرىقا دۆلەتلىرى ھەمكارلىق مۇنبىرى يۇھاننىسبۇرگ باشلىقلار يىغىنى نەتىجىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى ماسلاشتۇرغۇچىلار يىغىنىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلىدى

2016.08.02 14:01         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 29 - ئىيۇل بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن جۇڭگو - ئافرىقا دۆلەتلىرى ھەمكارلىق مۇنبىرى يۇھاننىسبۇرگ باشلىقلار يىغىنى نەتىجىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى ماسلاشتۇرغۇچىلار يىغىنىغا خەت ئەۋەتىپ، يىغىننىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇلتۇر 12 - ئايدا جۇڭگو - ئافرىقا دۆلەتلىرى ھەمكارلىق مۇنبىرى يۇھاننىسبۇرگ باشلىقلار يىغىنى جۇڭگو - ئافرىقا دۆلەتلىرى ھەمكارلىقىنىڭ ئۆز ئارا نەپ يەتكۈزۈش، ئورتاق راۋاجلىنىش يېڭى دەۋرىگە يول ئاچتى، بۇ جۇڭگو - ئافرىقا دۆلەتلىرى مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇشتا ئابىدە خاراكتېرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. يېرىم يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان جۇڭگو بىلەن ئافرىقا دۆلەتلىرى زىچ ھەمكارلىشىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ پەسكويغا چۈشۈشىدەك پايدىسىز ئەھۋاللارنىڭ تەسىرىنى يېڭىپ، مۇنبەر باشلىقلار يىغىنى نەتىجىلىرى بويىچە بىر قاتار ئورتاق تونۇشلارنى ھاسىل قىلىپ، كۆرگىلى ھەم تۇتقىلى بولىدىغان نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، جۇڭگو - ئافرىقا دۆلەتلىرى ھەمكارلىقىنى راۋاجلاندۇرۇشتا ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ قېتىمقى ماسلاشتۇرغۇچىلار يىغىنى ئىككى تەرەپنىڭ جۇڭگو - ئافرىقا دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ ئورتاق تونۇشى ۋە مۇنبەر باشلىقلار يىغىنى نەتىجىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە قوللىنىلغان بىر قېتىملىق مۇھىم ھەرىكەت، شۇنداقلا جۇڭگو - ئافرىقا دۆلەتلىرى ھەمكارلىقىنى راۋاجلاندۇرۇشتىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم تەدبىردۇر. بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ ئېچىلىشى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ قانداق ئۆزگىرىشىدىن قەتئىينەزەر، جۇڭگو - ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ ئىتتىپاقلىشىش، ھەمكارلىشىش، ئۆز ئارا نەپ يەتكۈزۈش ئىرادىسىدىن تەۋرەنمەيدىغانلىقى، جۇڭگونىڭ ئافرىقا دۆلەتلىرى تىنچلىق ۋە تەرەققىيات ئىشلىرىغا مەدەت بېرىش ئىرادىسىدىن تەۋرەنمەيدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم بىلدۈردى. ھازىر دۇنيا ئىقتىسادى يەنىلا تۆۋەن ھالەتتە تۇرۇۋاتىدۇ، جۇڭگو - ئافرىقا دۆلەتلىرى ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا ئۆز ئارا تۈرتكە بولۇشتا، ھەم پۇرسەتكە، ھەم خىرىسقا دۇچ كېلىدۇ، شۇڭا مۈرىنى - مۈرىگە تىرەپ، قول تۇتۇشۇپ ئالغا ئىلگىرىلەش كېرەك. قېرىنداشلار ھەمكارلاشسا، غايەت زور كۈچ ھاسىل بولىدۇ. بۇ قېتىمقى يىغىن دەل ۋاقتىدا ئېچىلدى، مەن جۇڭگو - ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ بۇ قېتىمقى ماسلاشتۇرغۇچىلار يىغىنى ئارقىلىق ئىدىيەدە پىكىر ئالماشتۇرۇپ، پىكىر يولىنى ئۇدۇللاشتۇرۇپ، تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پاراسەت ھەم كۈچ ھاسىل قىلىپ، جۇڭگو - ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىنىڭ دوستلۇق ھەمكارلىقىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولۇپ، باشلىقلار يىغىنى نەتىجىسىنىڭ جۇڭگو - ئافرىقا دۆلەتلىرىدىكى 2 مىليارد 400 مىليون خەلققە تېخىمۇ تېز، تېخىمۇ ياخشى نەپ يەتكۈزۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو جۇڭگو - ئافرىقا دۆلەتلىرى مۇناسىۋىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئافرىقا دۆلەتلىرىگە بولغان چىن، سەمىمىي سىياسەت ئىدىيەسى ھەم ئادىللىق، مەنپەئەتدارلىق قارىشىدا داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ، پۇختا ھەرىكىتى بىلەن باشلىقلار يىغىنىنىڭ نەتىجىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگو - ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىدۇ ھەم راۋاجلاندۇرىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر