باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ 9-نۆۋەتلىك جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى مائارىپ ئالماشتۇرۇش ھەپتىلىكىگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

2016.08.02 14:33         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 1-ئاۋغۇست 9-نۆۋەتلىك جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى مائارىپ ئالماشتۇرۇش ھەپتىلىكىنىڭ گۇيياڭدا ئېچىلغانلىقىغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.

  لى كېچياڭ تەبرىك خېتىدە مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ تاغ-دەريالىرى تۇتاش، خەلقى قان-قېرىنداش بولۇپ، ياخشى قوشنا، ياخشى ھەمراھ. ئىككى تەرەپ سۆھبەتلىشىش مۇناسىۋىتى ئورناتقان 25 يىلدىن بۇيان، ئومۇميۈزلۈك، كۆپ قاتلاملىق ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى قانات يايدۇردى. مائارىپنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىقى جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى تۈۋرۈكىگە ئايلىنىپ، كەڭ تەرەققىيات ئىستىقبالىنى نامايان قىلدى.

  لى كېچياڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: مائارىپ، ئىنسانلارنىڭ مەدەنىيلىككە ۋە بىلىمگە ۋارىسلىق قىلىپ ، يېڭى بىر ئەۋلاد ياشلارنى تەربىيەلەش، بەختىيار تۇرمۇش يارىتىشنىڭ تۈپ يولى. 2016-يىلى «جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى مائارىپ ئالماشتۇرۇش يىلى»دا 300گە يېقىن پائالىيەت ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، پۈتۈن بىر يىلنىڭ ھەر قانداق ۋاقتىدا، جۇڭگو ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئاساسلىق شەھەرلىرىدە ئېلىپ بېرىلىدۇ. جۇڭگو، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن بىر يولدا مېڭىپ، ئۆز ئارا ئۆگىنىپ، ئۆرنەك ئېلىپ، بىر-بىرىگە تۈرتكە بولۇپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى تېخىمۇ كۆپ ئەقلىي تايانچ ۋە ئىختىساسلىقلار تايانچى بىلەن تەمىنلەپ، تېخىمۇ زىچ بولغان جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى تەقدىرداش ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

  گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ليۇ يەندۇڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر