باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بەش كىنىشكىنى بىرىكتۈرۈش 10- ئايدىن باشلاپ مەملىكەت بويىچە يولغا قويۇلىدۇ

2016.08.02 08:57         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بەش تارماق ئورگان يېقىندا «<گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭىنىڭ "بەش كىنىشكىنى بىرىكتۈرۈش"كە ئائىت تىزىمغا ئېلىش تۈزۈمىنىڭ ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تېزلىتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى>نى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى ئېلان قىلىپ، بۇ يىل 10- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ مەملىكەت بويىچە "بەش كىنىشكىنى بىرىكتۈرۈش" ئىسلاھاتىنى يولغا قويۇشنى كاپالەتكە ئىگە قىلدى.

  «ئۇقتۇرۇش»تا، كارخانا ۋە دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرىدا (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ "كارخانا" دېيىلىدۇ) «ئۈچ كىنىشكىنى بىرىكتۈرۈش، بىر كىنىشكىدە بىرلا نومۇر بولۇش» ئاساسىدا «بەش كىنىشكىنى بىرىكتۈرۈش، بىر كىنىشكىدە بىرلا نومۇر بولۇش» بويىچە تىزىمغا ئېلىش ئەندىزىسىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش تەلەپ قىلىنغان.

  دېمەك، سودا سانائەت تىجارەت گۇۋاھنامىسى، تەشكىلىي ئاپپاراتنىڭ كود كىنىشكىسى ۋە باج تىزىملىتىش كىنىشكىسىدىن ئىبارەت ئۈچ كىنىشكىنى بىرىكتۈرۈش ئاساسىدا، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تىزىملاش كىنىشكىسى ۋە ئىستاتىستىكىلىق تىزىملاش كىنىشكىسى قاتارلىقلارنىمۇ داۋاملىق تەرتىپكە سېلىپ، سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرى تەرىپىدىن قانۇنىي ئىگە ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ بىرلىككە كەلگەن ئىجتىمائىي ئىناۋەت كودى قوشۇلغان تىجارەت كىنىشكىسى تارقىتىپ بېرىلىدۇ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تىزىملاش كىنىشكىسى بىلەن ئىستاتىستىكىلىق تىزىملاش كىنىشكىسى ئايرىم تارقىتىپ بېرىلمەيدۇ.

  "بەش كىنىشكىنى بىرىكتۈرۈش" ئىسلاھاتىنىڭ ئۆتكۈنچى مەزگىلى 2018- يىلى 1- ئاينىڭ 1- كۈنىگە قەدەر داۋاملىشىدۇ، شۇنىڭغىچە ئىلگىرى تارقىتىلغان كىنىشكا داۋاملىق ئىناۋەتلىك بولىدۇ، ئۆتكۈنچى مەزگىل ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، بىر تۇتاش ھالدا كود قوشۇلغان تىجارەت كىنىشكىسى ئىشلىتىلىدۇ، ئالماشتۇرۇلمىغان كىنىشكا ئىناۋەتسىز بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر