باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك ئاسىيا ئافرىقا ياشلار بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش بايرىمىنى تەبرىكلىدى

2016.07.29 08:36         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تۇنجى نۆۋەتلىك ئاسىيا ئافرىقا ياشلار بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش بايرىمى 28-ئىيۇل بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تەبرىك خېتى ئەۋەتىپ، تۇنجى نۆۋەتلىك ئاسىيا ئافرىقا ياشلار بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش بايرىمى پائالىيىتىنىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىنى تىلىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئاسىيا ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلۇقى جۇغراپىيە جەھەتتىن تۇتۇشۇپ تۇرىدۇ، ئاسىيا ئافرىقا خەلقىنىڭ قەلبى بىر تۇتاش. ئاسىيا ئافرىقا قىتئەسى ئىنسانلار مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم مەنبەسى، يەر شارىدىكى تۆتتىن ئۈچ قىسىم نوپۇسنىڭ ئورتاق ماكانى. ئاسىيا ئافرىقا ئەللىرىنىڭ پىشقەدەم رەھبەرلىرى ئورتاق بەرپا قىلغان ئىتتىپاقلىق، دوستلۇق، ھەمكارلىقتىن ئىبارەت باندۇڭ روھى ئاسىيا ئافرىقا ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەمدە خەلقئارا مۇناسىۋەتنىڭ توغرا يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىدا مۇھىم رول ئوينىدى. ئاسىيا ئافرىقا ئەللىرى بىرلىشىپ ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇپ، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، كەڭ ساھەلىك، كۆپ قاتلاملىق، ئومۇميۈزلۈك ئاسىيا ئافرىقا ھەمكارلىق يېڭى قېلىپىنى بەرپا قىلىپ، ئاسىيا ئافرىقىدىكى ھەرقايسى ئەل خەلقىگە ھەمدە باشقا دۆلەتلەر خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئاسىيا ئافرىقا ئەللىرى دۇنيادىكى ئەڭ كۆپ ياش نوپۇسقا ئىگە، ئاسىيا ئافرىقا ھەمكارلىقىنى جانلاندۇرۇشنىڭ كەلگۈسى ۋە ئۈمىد ياشلاردا. ئاسىيا ئافرىقا ياشلىرى دۇنيانىڭ تىنچلىقىنى قوغداش، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم كۈچ. سىلەرنىڭ باندۇڭ روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى نۇرلاندۇرۇپ، ئالماشتۇرۇش ۋە ئەينەك قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئۆز-ئارا چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆز-ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولۇپ، ئاسىيا ئافرىقىنى گۈللەندۈرۈش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، ئاسىيا ئافرىقا خەلقىنىڭ بەختىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىنسانلارنىڭ تىنچلىقى، تەرەققىياتى ئۈچۈن ياشلىق باھارىڭلارنى ئاتا قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر