باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ پاكىستاندا زور تېررورلۇق ھۇجۇمى ۋەقەسى يۈز بەرگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن پاكىستان زۇڭتۇڭى ھۈسەيىنگە ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

لى كېچياڭ زۇڭلى شېرىفقا ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

2016.08.11 15:30         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 10-ئاۋغۇست پاكىستان زۇڭتۇڭى ھۈسەيىنگە تېلېگرامما ئەۋەتىپ، پاكىستاننىڭ بەلۇجىستان ئۆلكىسى كۋىتتادا زور تېررورلۇق ھۇجۇمى ۋەقەسى يۈز بەرگەنلىكى توغرىسىدا ھال سورىدى.

  شى جىنپىڭ ھال سوراش تېلېگراممىسىدا مۇنداق دېدى: دۆلىتىڭلارنىڭ بەلۇجىستان ئۆلكىسى كۋىتتادا زور تېررورلۇق ھۇجۇمى ۋەقەسى يۈز بېرىپ، نۇرغۇن كىشىنىڭ تالاپەتكە ئۇچرىغانلىقىدىن چۆچۈدۈم. جۇڭگو خەلقى پاكىستان خەلقى ئۇچرىغان بەختسىزلىككە چوڭقۇر ھېسداشلىق قىلىدۇ. مەن جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىگە ۋاكالىتەن ۋە ئۆز نامىم بىلەن تالاپەتكە ئۇچرىغانلارغا تەزىيە بىلدۈرىمەن، يارىلانغانلاردىن ۋە تالاپەتكە ئۇچرىغانلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىدىن سەمىمىي ھال سورايمەن.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو ھەر قانداق شەكىلدىكى تېررورلۇققا قارشى تۇرىدۇ، بۇ قېتىملىق تېررورلۇق ھۇجۇمى ۋەقەسىنى قاتتىق ئەيىبلەيدۇ. جۇڭگو پاكىستاننىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش، دۆلەتنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش، خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنى داۋاملىق قەتئىي قوللايدۇ.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 10-ئاۋغۇست پاكىستان زۇڭلىسى ناۋاز شېرىفقا تېلېگرامما ئەۋەتىپ، پاكىستاننىڭ بەلۇجىستان ئۆلكىسى كۋىتتادا زور تېررورلۇق ھۇجۇمى ۋەقەسى يۈز بەرگەنلىكى توغرىسىدا ھال سورىدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر