خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سىرلىق «سەككىز بۇرجەكلىك شەھەرچە»، گۈزەل قاراجون، تەبىئىي ئېكولوگىيىلىك چوڭقۇشتاي . . . 8- ئاۋغۇست، جۇڭگو . تېكەس «تەڭرىتاغ مەدەنىيەت ساياھىتى پەسلىدىكى ئۇچرىشىش» ۋە 5 - نۆۋەتلىك جۇڭگو تېكەس خەلقئارالىق فوتو سۈرەت بايرىمى تېكەس ناھىيەسىدە باشلاندى. بۇ مەزگىلدە، مەزكۇر ناھىيە ياخشى بولغان تەبىئىي ئېكولوگىيىلىك مۇھىتى ۋە ئۆزگىچە پالنامە مەدەنىيىتىگە تايىنىپ، بىر ھەپتە ۋاقىت ئىچىدە، دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى ساياھەتچىلەرنى ئۆزگىچە مەدەنىيەت ساياھەتچىلىكى بىلەن ھوزۇرلاندۇرىدىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ نۆۋەتلىك ساياھەت پەسلى يۈرۈشلۈك پائالىيەتلىرى 13- ئاۋغۇستقىچە داۋاملىشىدىكەن. بۇ مەزگىلدە، ماي بوياق رەسىم كۆرگەزمىسى ۋە فوتو سۈرەت كۆرگەزمىسى، پالنامە ساغلاملىق كۈتۈنۈشى، ساغلاملىق لېكسىيىسى، خەلقئارا پالنامە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش يىغىنى، خەلقئارا پالنامە گۇمانىتار پەنلەر دەرسخانىسى، 23- نۆۋەتلىك ئاقىنلار ئېيتىشىشى يىغىلىشى، ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت يىغىنى، ئاپتونوم رايون بويىچە چامباشچىلىق ۋە تەيجى گۇمپىسى مۇسابىقىسى قاتارلىق پائالىيەتلەر ئارقا-ئارقىدىن ئۆتكۈزۈلۈپ، ھەر قايسى جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى ئېكىسكۇرسىيە ۋە ساياھەت قىلىشقا جەلىپ قىلىدىكەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى