باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ پاكىستاندا زور تېررورلۇق ھۇجۇمى ۋەقەسى يۈز بەرگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن پاكىستان زۇڭلىسى شېرىفقا ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

2016.08.11 15:31         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 10-ئاۋغۇست پاكىستان زۇڭلىسى ناۋاز شېرىفقا تېلېگرامما ئەۋەتىپ، پاكىستاننىڭ بەلۇجىستان ئۆلكىسى كۋىتتادا زور تېررورلۇق ھۇجۇمى ۋەقەسى يۈز بەرگەنلىكى توغرىسىدا ھال سورىدى.

  لى كېچياڭ ھال سوراش تېلېگراممىسىدا مۇنداق دېدى: دۆلىتىڭلارنىڭ بەلۇجىستان ئۆلكىسى كۋىتتادا زور تېررورلۇق ھۇجۇمى ۋەقەسى يۈز بېرىپ، نۇرغۇن كىشىنىڭ تالاپەتكە ئۇچرىغانلىقىدىن چۆچۈدۈم. جۇڭگو بۇ قېتىملىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنى قاتتىق ئەيىبلەيدۇ. مەن جۇڭگو ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن تالاپەتكە ئۇچرىغانلارغا تەزىيە بىلدۈرىمەن، يارىلانغانلاردىن ۋە تالاپەتكە ئۇچرىغانلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىدىن سەمىمىي ھال سورايمەن.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو ھەر قانداق شەكىلدىكى تېررورلۇققا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ، پاكىستان ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنىڭ دۆلەتنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش، تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن كۆرسەتكەن بارلىق تىرىشچانلىقىنى ئىلگىرىكىگە ئوخشاش قەتئىي قوللايدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر