باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

ئايروپىلاندا يانفون ئوينىسا 50 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويۇلۇشى مۇمكىن

ھاۋا بوشلۇقىدا تورغا چىقىش بىزدىن يەنە قانچىلىك يىراقلىقتا؟

2016.08.12 16:06         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 9- ئاۋغۇست، جۇڭگو خەلق ئاۋىياتسىيە ئىدارىسى ئاۋىياتسىيەسى قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش پىكرىنى ئېلان قىلدى، پىكىردە 14 خىل پۇقرالار ئاۋىياتسىيە بىخەتەرلىكى ۋە تەرتىپىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان قانۇنسىز دەخلى قىلمىشى ئېنىق بېكىتىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە بىر خىل قىلمىشنى سادىر قىلغان، قىلمىشى ئالاھىدە ئېغىر بولغانلارغا ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 50 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويۇش يولغا قويۇلدى. 14 خىل قانۇنسىز دەخلى قىلمىشى «بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، يانفون ئىشلىتىش ياكى باشقا ئىشلىتىش مەنئى قىلىنغان ئېلېكترونلۇق ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلىتىش»نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، دېمەك، ئايروپىلاندا يانفون ئىشلەتسە، 50 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويۇلىدىغان بولۇپ، بۇ ئىش تور ئەھلىنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. ئۇنداقتا ئايروپىلاندا يانفون ئىشلىتىش ياكى تورغا چىقىش زادى قانچىلىك خەتەرلىك؟ ئېلىمىزدە ھاۋا بوشلۇقىدا تورغا چىقىش بىزدىن يەنە قانچىلىك يىراقلىقتا؟

  ئايروپىلاندا يانفون ئىشلىتىشكە رۇخسەت قىلىنامدۇ ؟ بۇ ئاۋىئاتسىيە ساھەسىدىكى تالاش-تارتىش ئەڭ كۈچلۈك تېما بولۇپ قالدى، ئاۋىئاتسىيە ساھەسىدە بۇ مەسىلە ئۈستىدە مۇھاكىمە ئەزەلدىن توختاپ باقمىغان، لېكىن تا ھازىرغىچە ئېنىق يەكۈن چىقىرىلمىدى. نەچچە يىل ئىلگىرى، ئامېرىكا فېدېراتسىيە ئاۋىئاتسىيە ئىدارىسى بىلەن فېدېراتسىيە ئالاقە كومىتېتى كۆپ قېتىم تەتقىقات ئېلىپ بارغان، ئەمما يېتەرلىك دەلىل-ئىسپات بولمىغاچقا، پەقەت ئېھتىماللىقى بولغان نەتىجىنى خۇلاسىلەپ چىقتى. يانفون بىر رايونغا يۆتكەلگەندە ئاساسىي پونكىتىنى قايتىدىن تاللاشقا ئېھتىياجلىق، ھالبۇكى، ئايروپىلاندا يانفون ئىشلەتكەندە، ئۇچۇش سۈرئىتى ناھايىتى تېز بولغاچقا ، رايون ئالماشتۇرۇش ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، بۇ ئاساسىي پونكىتنىڭ خىزمەت يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرىۋېتىدۇ، يەر يۈزىدىكى ئاساسىي پونكىت سىستېمىسىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ؛ يانفون قويۇپ بەرگەن سىمسىز دولقۇن ئايروپىلانغا سەپلىنىدىغان ئېلېكترون سىستېمىسىغا دەخلى قىلىشى مۇمكىن، بۇ ھەقىقەتەن دوكلاتتا كۆرسىتىلگەن بولۇپ، يان تېلېفون سىگنالى ئايروپىلان ھەيدەش سىستېمىسىنىڭ يولدىن چەتنىشىنى، ھەتتا ئىتىلىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. لېكىن ئەمەلىيەتتە ئېلېكتىر دولقۇنىنىڭ دەخلى ئامىلى بەك مۇرەككەپ، يانفوننىڭ خەۋپ يەتكۈزۈش نەزەرىيەسى ئېھتىماللىقى تېخى ئەمەلىيەت جەريانىدا ئىسپاتلانمىغان.

  بىزگە مەلۇمكى، دۆلەت ئىچىدىكى ئاۋىئاتسىيە شىركەتلىرى يولۇچىلاردىن يانفونىنى ئىتىۋېتىشنى تەلەپ قىلىپلا قالماي، ئايروپىلان ئۇچۇش ھالىتىگە تەڭشەلگەن يانفوننىمۇ ئىتىۋېتىشنى تەلەپ قىلىدۇ، ئۇنداقتا ئايروپىلان ئۇچۇش ھالىتىگە تەڭشەلگەن يانفوننىڭ ئايروپىلاندىكى خەۋەرلىشىشكە بولغان تەسىرى قانچىلىك؟ ئالاقىدار مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دېدى: يان تېلېفون ئېلېكتىر ماگنىت دولقۇنى ئارقىلىق ئۇچۇر يەتكۈزىدۇ، مۇشۇ ئېلېكتر ماگنىت دولقۇنى يانفون رادىئاتسىيىسى دەپ ئاتىلىدۇ. يانفون ئىشلەتكۈچى يانفونىنى ئايروپىلان ئۇچۇش ھالىتىگە تەڭشەپ قويغان بولسىمۇ، ئېلېكتىر ماگنىت دولقۇنى ۋە رادىئاتسىيىلىك كاشىلا پەيدا بولۇشى مۇمكىن، ئەمما نىسبەتەن بىر قەدەر تۆۋەن بولىدۇ. لېكىن بەزى يانفونلارنىڭ ياساش تەننەرخى بىر قەدەر تۆۋەن، تېخنىكا ئۆلچىمى بىر قەدەر تۆۋەن، سىگنال دالدىلاش ئۈنۈمى ياخشى ئەمەس، چىققان رادىياتسىيە تېخىمۇ كۈچلۈك بولىدۇ. ئايروپىلان ئۇچۇش جەريانىدا، ئايروپىلاننىڭ بېشى ۋە ئايروپىلاننىڭ قۇيرۇق قىسمىنىڭ سىگنالى دائىم ئۆزئارا تۇتاشقان بولىدۇ، مەسىلەن، ئايروپىلان خادىملىرى سىگنال ئارقىلىق ئايروپىلان قۇيرۇقىنى كۆزىتىدۇ، مۇبادا بۇ ئايروپىلاننىڭ قۇيرۇق قىسمىدا ئىس چىقىش، ئوت ئاپىتى قاتارلىق ئەھۋاللار كۈرۈلسە، ئۇچقۇچىلار دەرھال خەۋەر تاپىدۇ. لېكىن ئەگەر بىر قىسىم يولۇچىلار ئايروپىلان ئۇچۇش ھالىتىگە تەڭشەلگەن يانفون ئىشلەتسە، ئۇچقۇچىنىڭ ھۆكۈم قىلىشىغا دەخلى قىلىش ئېھتىمالى بولىدۇ.

  بۇنىڭدىن سىرت، كەسپىي زاتلار مۇنۇلارنى بىلدۈردى، ھەرقانداق ئېلېكترونلۇق ئۈسكۈنە پەقەت توك ئىشلەتسىلا ئېلېكتىر ماگنىت رادىياتسىيەسى ھاسىل بولىدۇ، ھالبۇكى ئايروپىلان ئۇچۇش ھالىتىگە تەڭشەلگەن يانفوننىڭ كونكرېت رادىئاتسىيە مىقدارىنى يانفون ئىشلەپچىقىرىش سودىگەرلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئۆلچىمى ۋە تەڭشىشى بەلگىلەيدۇ. بەزى قائىدىگە خىلاپلىق قىلىدىغان ئىشلەپچىقىرىش سودىگەرلىرىنىڭ ئىشلەپچىقارغان يانفونلىرى سىگنال پەيدا قىلىشى مۇمكىن. تورغا كىرىش ئىجازەتنامىسى سۈپەتسىز يانفونلارنىڭ تارقىتىش قۇۋۋىتى ئوخشاش بولمىغاچقا، ئوخشاش بولمىغان يانفون خىزمەت جەريانىدا يۇقىرى دەرىجىلىك يانتۇ دولقۇن پەيدا قىلىشى مۇمكىن، بۇ «ئارىلاش دولقۇن»لارنىڭ مۇقىم قانۇنىيىتى يوق بولغاچقا، ئايروپىلان ئالاقە سىستېمىسى چاستوتا بۆلىكى بىلەن قايتا بىرىكىپ، ئايروپىلاندا كاشىلا كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. لېكىن بۇلارنىڭ ھەممىسى پەقەت نەزەرىيەدىن كەلتۈرۈپ چىقىرىلغان يەكۈن، ئىلىم-پەن نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، مەيلى مۇتلەق كاشىلا بار ياكى مۇتلەق كاشىلا يوق دېيىشنىڭ ھەممىسى مەسئۇلىيەتسىزلىك. قانداقلا بولمىسۇن، ئېھتىماللىقى كىچىك بولسىمۇ، ئەمما تىكىلگەن دو بەك چوڭ، شۇڭا يانفون ئىشلىتىشنى چەكلەش بۇيرۇقى بىر خىل تەننەرخى تۆۋەن بولغان ئاقىلانە تاللاش.

  ئايروپىلاندا يانفون ئىشلىتىش زادى قانچىلىك خەتەرلىك، دېگەن بۇ مەسىلىدە، شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، ئوخشاش بولمىغان كىشىلەرنىڭ ئوخشاش بولمىغان جاۋابى بار. لىكىن كېسىپ ئېيتالايمىزكى، پەن تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، ھاۋا بوشلۇقىدا تورغا چىقىش ئادەتتىكى ئىشقا ئايلىنىدۇ، قانداقلا بولمىسۇن، ئىنسانلارنىڭ خېيىم-خەتەردىن ساقلىنىش، نامەلۇم نەرسىلەرگە جەڭ ئېلان قىلىش يوشۇرۇن ئىقتىدارى چەكسىز بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى

  


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر