باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئافغانىستاندىكى تالىبانلار پاكىستاننىڭ تىك ئۇچار گۇرۇپپىسىدىكى خادىملارنى قويۇپ بەردى

2016.08.15 14:52         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پاكىستان ئەمەلدارى 13-ئاۋغۇست ئافغانىستاندىكى تالىبانلارنىڭ شۇ كۈنى بۇندىن بۇرۇن تۇتىۋالغان پاكىستاننىڭ بىر تىك ئۇچارىدىكى ئالتە خادىمنىڭ ھەممىسىنى قويۇپ بەرگەنلىكىنى جەزملەشتۈردى.

  خەۋەر قىلىنىشىچە، پاكىستاننىڭ بىر تىك ئۇچارى 4-ئاۋغۇست ئۆزبېكىستانغا بېرىپ رېمونت قىلىش يولىدا مىخانىكىلىق كاشىلا يۈز بېرىپ، پاكىتساننىڭ غەربىي شىمالىدىكى ئافغانىستان بىلەن چېگرىلىنىدىغان لوگار ئۆلكىسىگە جىددىي قونغان، ئالتە ئايروپىلان خادىمىنى ئارقىدىن ئافغانىستاندىكى تالىبانلار تۇتقۇن قىلىۋالغان. بۇ خادىملارنى بىخەتەر قۇتقۇزۇپ چىقىش ئۈچۈن، پاكىستان ھۆكۈمىتى رەھبەرلىرى ئافغانىستاننىڭ ئالاقىدار دائىلىرى بىلەن ئىزچىل ئالاقىلىشىپ كەلدى. ئافغانىستاندىكى تالىبانلار ئارقىدىن بۇ كىشىلەرنى لوگار ئۆلكىسىدىكى يەرلىك قەبىلە ئاقساقىلىغا تاپشۇرۇپ بەردى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر