باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ياردەم بېرىش قىززىق لېنىيە تېلېفونى ئېچىلدى

2016.08.15 15:50         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئالدىنقى كۈنى مائارىپ مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىنىشىچە، ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەسىلىلىرىگە جاۋاب بېرىش، ئۇلارنىڭ ئوقۇشقا ئوڭۇشلۇق كىرىشىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن، مائارىپ مىنىستىرلىقى 8- ئاينىڭ 15- كۈنىدىن 9- ئاينىڭ 15- كۈنىگىچە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ياردەم بېرىش قىززىق لېنىيە تېلېفونى تەسىس قىلىدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ياردەم بېرىش قىززىق لېنىيە تېلېفون نومۇرى 66097980-010 66096590-010 ئىكەن. بۇ 2005- يىلدىن باشلاپ، مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئۇدا 12 يىل يازلىق تەتىل ۋە ئوقۇش باشلاش مەزگىلىدە بۇ قىزىق لېنىيە تېلېفونىنى تەسىس قىلىشى ئىكەن.

  مائارىپ مىنىستىرلىقى مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىش خىزمىتىگە دۆلەت يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، «مۇكاپات، قەرز، ياردەم، تولۇقلىما، ئازايتىش» قاتارلىق كۆپ تۈرلۈك چارىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ياردەم بېرىش سىياسەت سىستېمىسىنى قۇرۇپ چىقتى. ئالىي مائارىپ باسقۇچىدا، دۆلەتلىك ئوقۇش ياردەم پۇلى \ مۇكاپات پۇلى، دۆلەت ئوقۇش ياردەم قەرزى، تولۇقلاپ تۆلەش \ ۋاكالىتەن تۆلەش، يېڭى ئوقۇغۇچىلار ئوقۇشقا كىرىش ياردىمى، ئىشلەش ئارقىلىق ئوقۇش ياردىمىگە ئىگە بولۇش، قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم بېرىش، تاماق تولۇقلىمىسى، ئوقۇش پۇلىنى كېمەيتىش، «يېشىل يول» قاتارلىق نۇرغۇن شەكىللەر تەڭ قوللىنىلىدىغان ئارىلاشما ياردەم بېرىش سىياسىتى سىستېمىسى قۇرۇپ چىقىلدى.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ياردەم بېرىش قىزىق لېنىيە تېلېفونى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئوقۇغۇچىلار مەكتەپنىڭ ياردەم بېرىش تارماقلىرى ئارقىلىق سىياسەتلەردىن مەسلىھەت سوراپ، مەسىلىلەرنى ئىنكاس قىلسا بولىدىكەن، ياكى مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ يىلبويى ئوچۇق بولغان بىر تۇتاش نازارەت-پاش قىلىش تېلېفونى 66092315-010 66093315-010 نومۇرغا تېلېفون قىلسىمۇ بولىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر