باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىساد خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى

جاڭ چۈنشيەن: ماھىيەتلىك تەدبىر قوللىنىپ، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى قەتئىي ئىلگىرى سۈرۈپ، كېيىنكى يېرىم يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ياخشى ئىشلەپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى قايتىدىن ئىلگىرى سۈرەيلى

2016.08.15 14:58         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىساد خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى 14 – ئاۋغۇست ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. يىغىنىدا 7 – ئاينىڭ 26 – كۈنى ئېچىلغان مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىنىڭ روھى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، شىنجاڭنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىللىق ئىقتىسادىي ۋەزىيىتى تەھلىل قىلىنىپ، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات ئاساسىي تېما قىلىنىپ، كېيىنكى يېرىم يىللىق ئىقتىسادىي خىزمەتلەر مۇھاكىمە قىلىنىپ ئورۇنلاشتۇرۇلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن يىغىندا سۆز قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەپ، ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىپ، مۇھىم نۇقتىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، تەشەببۇسكار، دەل بولۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ماھىيەتلىك تەدبىر قوللىنىپ، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى قەتئىي ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى قايتىدىن تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈشنى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى ۋە بەلگە قىلىش كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتى بۇ قېتىمقى يىغىننى ياخشى ئېچىشقا ئىنتايىن ئەھمىيەت بەردى. يىغىن ئېچىلىشتىن ئىلگىرى جاڭ چۈنشيەن مۇناسىۋەتلىك نازارەت، ئىدارە ۋە كارخانىلار بىلەن ئىككى قېتىم سۆھبەت يىغىنى ئاچتى، بەزى كارخانىلارغا بېرىپ، نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئالاقىدار تارماقلار نۇرغۇن تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ئىشلىدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا كېيىنكى يېرىم يىللىق ئىقتىسادىي خىزمەت توغرىسىدىكى پىكىرلەر مەخسۇس تېمىدا مۇزاكىرە قىلىنىپ، كېيىنكى يېرىم يىللىق نۇقتىلىق ئىقتىسادىي خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى پىكىر مەخسۇس مۇھاكىمە قىلىنىپ، كېيىنكى يېرىم يىللىق نۇقتىلىق ئىقتىسادىي خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، ئاپتونوم رايونىمىز ئىقتىسادىنى سىجىل، مۇقىم ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى 12 جەھەتتىكى 85 كونكېرت تەدبىر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  جاڭ چۈنشيەن سۆزىدە مۇنداق دېدى: بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىككى قېتىم مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ يىغىنىنى ۋە كۆپ قېتىم مەركەز مالىيە – ئىقتىساد رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى، مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ يىغىنىنى ئېچىپ، ئىقتىسادىي ۋەزىيەت ۋە ئىقتىسادىي خىزمەتنى مۇھاكىمە قىلدى، گوۋۇيۈەنمۇ كۆپ قېتىم ئالاقىدار سىياسەتلەرنى مۇھاكىمە قىلىپ ئېلان قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتى مەركەزنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دۇچ كېلىۋاتقان ۋەزىيەتنى تولۇق مۆلچەرلەپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، يېڭى يىلدىن كېيىنلا ‹‹يېڭى نورمال ھالەتكە ماسلىشىپ، يېڭى نەتىجىلەرنى نامايان قىلىش›› توغرىسىدا بىر قاتار پائالىيەتلەرنى باشلىدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 19 قېتىم دائىمىي كومىتېت يىغىنى ئېچىپ، ئىقتىساد خىزمىتىنى بەش قېتىم مەخسۇس مۇھاكىمە قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، ۋاقتىدا 60 تۈرلۈك تەدبىرنى بېكىتىپ يولغا قويۇپ، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى. ئالدىنقى يېرىم يىلدا ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشى ئومۇمىي جەھەتتە مۇقىم ۋە ياخشى بولۇپ، ئىقتىسادىي ۋەزىيەت كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى، قۇرۇلمىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىش تېزلىتىلىپ، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىدىكى ئوشۇقچىلىقنى ۋە ئامبار ئوشۇقچىلىقىنى تۈگىتىش، تەننەرخنى تۆۋەنلىتىشتە دەسلەپكى ئۈنۈم ھاسىل قىلىندى، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋەزىيىتى مۇقىم بولدى، خەلق تۇرمۇشى تېز ياخشىلاندى، ئىجتىمائىي ئومۇملۇق مۇقىم بولۇپ، ئاسان قولغا كەلتۈرگىلى بولمايدىغان نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى.

  جاڭ چۈنشيەن ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ باش يېتەكچى ئىدىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزلىرىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەركەزنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، يېڭىلىق يارىتىش، ماس، يېشىل، ئوچۇق تەرەققىي قىلىش، تەرەققىياتتىن ئورتاق بەھرلىنىشتىن ئىبارەت تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ماكرو سىياسەت مۇقىم بولۇش، كەسپ سىياسىتى دەل بولۇش، مىكرو سىياسەت جانلىق بولۇش، ئىسلاھات سىياسىتى ئەمەلىي بولۇش، ئىجتىمائىي سىياسەت ئوچۇق بولۇشتىن ئىبارەت ئومۇمىي پىكىر يولىدا ۋە مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش، ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىش، مۇھىم نۇقتىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىش، تەشەببۇسكار، دەل جايىدا بولۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ئومۇمىي ئېھتىياجنى مۇۋاپىق كېڭەيتىپ، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى قەتئىي ئىلگىرى سۈرۈپ، ياخشى تەرەققىياتنىڭ ئالدىن مۆلچەرلەنگەن بىرىكمە سىياسەتلىرى ئارقىلىق يېتەكلەپ، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم تەرەققىي قىلىش ۋەزىيىتىنى تىرىشىپ ساقلاپ، 13 – بەش يىللىق يىرىك پىلاندا ئىشنى ياخشى باشلاش كېرەك.

  جاڭ چۈنشيەن تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: كېيىنكى يېرىم يىلدا تۆۋەندىكى بىر نەچچە تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىقتىسادىي خىزمەتنى ياخشى ئىشلەش كېرەك:

  ‹‹ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئوشۇقچىلىقىنى تۈگىتىش››تە ماھىيەتلىك ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئوشۇقچىلىقىنى تۈگىتىش ‹‹ئۈچنى تۈگىتىش، بىرنى تۆۋەنلىتىش، بىرنى تولۇقلاش›› تىكى بىرىنچى مۇھىم ۋەزىپە بولۇپ، ‹‹كارخانىلار ئاساس بولۇش، ھۆكۈمەت ئىلگىرى سۈرۈش، بازار ئارقىلىق يېتەكلەش، قانۇن بويىچە بىرتەرەپ قىلىش›› چارىسى بويىچە يولغا قويۇش كېرەك. ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك پارتكوملارنىڭ شۇجىلىرى 1 – مەسئۇل كىشى، جايلاردىكى ھۆكۈمەتلەر مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرىدىغان ئاساس بولۇپ، مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي، دادىل زىممىسىگە ئېلىپ، كۆپ خىل ۋاسىتىلەرنى ئۇنىۋېرسال قوللىنىپ، ماھىيەتلىك ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كونكرېت مۇكاپاتلاش ۋە تولۇقلىما چارىنى تېزدىن ئايدىڭلاشتۇرۇپ، يەرلىكنىڭ ‹‹ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئوشۇقچىلىقىنى تۈگىتىش›› ئاكتىپچانلىقىنى قوزغىتىشى كېرەك.

  تەننەرخنى تېخىمۇ تۆۋەنلىتىش كېرەك. تۈزۈم خاراكتېرلىك سودا تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، ‹‹تەكشۈرۈپ تەستىقلايدىغان تۈرلەر ئەڭ ئاز، ئۈنۈم ئەڭ يۇقىرى، مۇلازىمەت ئەڭ ئەلا بولۇش›› نىشانىدا چىڭ تۇرۇش، ‹‹قويۇۋېتىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش›› ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەمەلىي گەۋدىلەرنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا ئەڭ زور دەرىجىدە مۇلازىمەت قىلىش كېرەك. ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، كارخانىلارنىڭ يۈكىنى، سېلىقىنى يېنىكلىتىش كېرەك. مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ ئەمەلىي قەرز ئۆسۈمى ۋە ئالىدىغان مۇناسىۋەتلىك ھەقلىرىنى تۆۋەنلىتىپ، قەرز كېپىللىك مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شىنجاڭدىكى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ نۇقۇل بىر خىل بولۇشتەك قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىپ، كارخانىلارغا پۇل مۇئامىلە جەھەتتە مۇلازىمەت قىلىشنى ياخشىلاپ، بىۋاسىتە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، يەرلىكتە پۇل مۇئامىلە ساھەسىدىكى ئىختىساسلىقلار كەمچىل بولۇش مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىش كېرەك. باج ھەققى تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، تىجارەت بېجىنى قوشۇلما قىممەت بېجىغا ئۆزگەرتىدىغان قۇرۇلما خاراكتېرلىك باجنى كېمەيتىش سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كارخانىلارغا مۇناسىۋەتلىك مەمۇرىي ئىشلاردىن ئېلىنىدىغان ھەقلەر ۋە ھۆكۈمەت خاراكتېرلىك فوندلارنى مەخسۇس تۈر بويىچە تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇش كېرەك. ئىشلەپچىقىرىش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، ئۆزى زاپاس قۇرغان ئېلېكتىر ئىستانسىلىرىنىڭ زاپاس سىغىم ھەققىنى تېخىمۇ تۆۋەنلىتىپ، بىۋاسىتە سېتىۋالىدىغان توك بىلەن چوڭ خېرىدارلار ئارىسىدىكى ئىككى تەرەپ سودىسىنى كېڭەيتىش، سودا – سانائەتتە ئوخشاش باھا سىياسىتىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۆلكە ھالقىغان ئېلېكتىر كۈچى سودىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. مال ئوبوروت تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، تۆمۈريول، تاشيول، ئاۋىياتسىيە قاتارلىق جەھەتلەردە ھەقنى تۆۋەنلىتىش، تولۇقلىما بېرىش قاتارلىق سىياسەتلەرنى بېرىش كېرەك. يۇقىرىقى بىر يۈرۈش چوڭ – چوڭ تەدبىرلەرنى قوللىنىش ئارقىلىق ‹‹بىرىكمە مۇشت››نى قاتتىق ئېتىپ، بىر تۈركۈم كارخانىلارنى ساقلاپ قېلىپ، بىر تۈركۈم كارخانىلارنى زورايتىپ، ئەمەلىي ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ ئەمەلىي كۈچى، ھاياتىي كۈچى ۋە ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئاشۇرۇپ، مەركەزنىڭ ‹‹بەش چوڭ ۋەزىپىسى››نى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئەمەلىي گەۋدىلەرنىڭ ئىقتىسادىنى زورايتىش ۋە كۈچەيتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى تېز ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تەس ھەم قىممەت بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، كېيىنكى يېرىم يىللىق ئىقتىسادنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك؛ كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاش دەل جايىدا بولۇشى، ئۈنۈملۈك بولۇشى كېرەك.

  كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاش دەل جايىدا بولۇش، ئۈنۈملۈك بولۇش كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىپ، سىياسەتلەردىن تولۇق، ياخشى پايدىلىنىپ، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، دەل جايىدا پەرقلەندۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، بۇ يىللىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئورۇنداشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. دۆلەتنىڭ ئۇل ئەسلىھەلەر ۋە ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشىدا ئوتتۇرا غەربىي رايونغا مايىل بولۇشتەك ياخشى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، PPP نى ئۇل ئەسلىھەلەر ۋە جامائەت مۇلازىمىتى سېلىنمىسىدىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى زورايتىشنىڭ مۇھىم تەدبىرى قىلىش كېرەك. خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى سېلىنمىسىنى زورايتىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 7 – قېتىملىق خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى يىلىدىكى ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، 25 تۈردىكى 100 خىل نۇقتىلىق خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي ياخشى تۇتۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىجتىمائىي كاپالەت، مائارىپ، داۋالاش ۋە سۇ، توك، گاز، يول، تۇرالغۇ قاتارلىق خەلق تۇرمۇشىدىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلىش كېرەك. يېڭى كەسىپ، يېڭى كەسپىي ھالەتنى يېتىشتۈرۈپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ يۇقىرى قاتلاملىق لايىھەسى ۋە كونكرېت سىياسەتلىرىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئەۋزەللىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، يېڭى تىپتىكى توقۇمىچىلىق ۋە كىيىم – كېچەك، يېڭى تىپتىكى جابدۇق ياسىمىچىلىقى، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىنچىكە پىششىقلاش قاتارلىق كەسىپلەرنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، چوڭ سانلىق مەلۇمات ئامبىرى، يۇمشاق ماتېرىيال ۋە ئۇچۇر مۇلازىمىتى قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىپ، ئىستېمال دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ساھەسى ۋە يۆنىلىشىنى چۆرىدەپ، ساياھەتچىلىك، مەدەنىيەت، تەنتەربىيە، ساغلاملىق قاتارلىق كەسىپلەرنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك، ئىختىساسلىقلارنى يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشتىكى ھالقا قىلىپ، يۇقىرى قاتلامدا ئىختىساسلىقلارنى مۇكاپاتلاش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، يۇقىرى قاتلاملىق پەن – تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرى، پۇل – مۇئامىلە ساھەسىدىكى ئىختىساسلىقلار، داۋالاش ساھەسىدىكى ئىختىساسلىقلار قاتارلىق تۈرلۈك كەسپىي ئىختىساسلىقلارنى ئەڭ ياخشى مۇكاپاتلاش كېرەك.

  يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تېزلىتىش كېرەك. شىنجاڭنى يادرولۇق رايون قىلىپ قۇرۇپ چىقىشتىكى ئەۋزەللىك، سىياسەت، تەرەققىيات ئەھۋالى، يوشۇرۇن كۈچ قاتارلىقلارنى كۈچەپ تەشۋىق قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ كارخانىنى شىنجاڭغا كېلىپ مەبلەغ سېلىشقا جەلپ قىلىش كېرەك؛ خىزمەتلەردە ئاكتىپ، تەشەببۇسكار بولۇپ، پاكىستان، قازاقىستان قاتارلىق دۆلەتلەرگە زىيارەتكە چىققاندىكى نەتىجىلەرنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىمپورت – ئېكسپورتنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش سىياسىتىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، تاموژنا باش مەھكىمىسىنىڭ شىنجاڭنى قوللاش تەدبىرلىرىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، نۇقتىلىق تاشقى سودا كارخانىلىرى ۋە نۇقتىلىق كەسپلەرنى گەۋدىلىك چىڭ تۇتۇپ، تاشقى سودىنىڭ تېز ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك؛ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىپ پىششىقلاشنى ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپە سۈپىتىدە چىڭ تۇتۇش كېرەك؛ ‹‹بەش چوڭ مەركەز››قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك تېزلىتىش كېرەك.

  جاڭ چۈنشيەن تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇشنى بىرىنچى ۋەزىپە، كارخانىلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشقا ياردەم بېرىشنى نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي خىزمەتنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى قىلىپ، كۆلەملىك كارخانا بىلەن كارخانىلارنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، كۆلەملىك كارخانىغا ئايلاندۇرۇش خىزمىتىنى، ھەر خىل باغچا رايونى قۇرۇلۇشى، توقۇمىچىلىق ۋە كىيىم – كېچەك، ‹‹تېز ئۈنۈملۈك››تۈرلەرنى چىڭ تۇتۇپ، قوللاش تەدبىرلىرىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئەلئارا سېلىنمىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان چوڭ – چوڭ تەدبىرلەرنى تۈزۈپ ۋە ئىلگىرى سۈرۈپ، كارخانىلار ئىنكاس قىلغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى تۈرلۈك ئاماللارنى قوللىنىپ ھەل قىلىپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلىش ۋە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق كۆرسەتتى: ئىقتىساد خىزمىتىگە ئەھمىيەت بېرىش ۋە ئۇنى كۈچەيتىش كېرەك. جايلار، تارماقلار ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىقتىسادىي ۋەزىيەت توغرىسىدىكى ھۆكۈمى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھۆكۈمى ۋە ئورۇنلاشتۇرمىسىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى ئاڭلىقلىق ۋە تەشەببۇسكارلىقنى ئۆستۈرۈپ، ئىقتىسادىي خىزمەتنى ياخشى ئىشلەشنىڭ شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ يېتىشى كېرەك. ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر، ناھىيە، شەھەر، رايونلار مۇقىملىق ۋە ئىقتىسادنى بىرىنچى قولنىڭ رەھبەرلىك خىزمىتى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈشكە ماھىر بولۇپ، ئىقتىسادىي خىزمەتكە ئەھمىيەت بېرىشى، ئىقتىسادىي خىزمەتلەرنى مۇھاكىمە قىلىپ، بازار بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇشنى ھالقا قىلىپ، ھازىرقى سىياسەتلەردىن ياخشى پايدىلىنىپ، ماسلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، تەرەققىياتتىكى كۆزلىمە نىشانغا يېتەكلەپ، ھەر قايسى تەرەپنىڭ ئورتاق تونۇشى ۋە ئىشەنچىسىنى مۇجەسسەملىشى كېرەك.

  جاڭ چۈنشيەن تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: يېڭى نورمال ھالەتكە ماسلىشىش ئۈچۈن ئىدىيەدە تېخىمۇ ئازاد بولۇشقا، ئۆزگىرىش ياساشقا ۋە ئىسلاھ قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. ئادەتلىنىپ كەتكەن، چەكلەپ تۇرىدىغان تەپەككۇرنى بۇزۇپ تاشلاپ، قوللاش، ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ئىسلاھات خاراكتېرىدىكى تېخىمۇ كۆپ تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، پۈتۈن جەمئىيەتتە كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى قوللايدىغان ياخشى كەيپىياتنى يارىتىپ، شىنجاڭ ئىقتىسادىنى سىجىل، مۇقىم، ساغلام تەرەققىي قىلدۇرۇشقا بولغان ئىشەنچنى چىڭىتىپ، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى قەتئىي ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ رىقابەت ئىقتىدارىنى قەتئىي ئاشۇرۇپ، مەركەزنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ سىياسەت – تەدبىرلىرىنى دەل جايىغا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىنى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرغۇزۇپ، يېڭى سەۋىيەگە كۆتۈرۈپ، ئەمەلىي ئۈنۈم ئارقىلىق ئاپتونوم رايونلۇق 9 – قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ غەلبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتىۋېلىشىمىز كېرەك.

  سۆھبەت يىغىنىغا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم خۇلاسە سۆزى قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: جايلار ۋە تارماقلار ئىدىيەۋى تونۇشىنى يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىقتىسادىي ۋەزىيەت توغرىسىدىكى ئىلمىي ھۆكۈمى ۋە ئومۇمىي تەلىپى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىساد خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىكى تەلەپلەر ۋە ئورۇنلاشتۇرمىلارنى دەل جايىدا ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كارغا كېلىدىغان، ئۈنۈملۈك، ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، ۋەزىپىنى تەخسىملەشنى چىڭ تۇتۇپ، مەسئۇلىيەتنى كىشى بېشىغىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىز قوغلاپ ھەيدەكچىلىك قىلىپ، ‹‹ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنىڭ ئوشۇقچىلىقىنى تۈگىتىش››تىكى تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى تېخىمۇ تەپسىلىيلەشتۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىشنىڭ ‹‹بىرىكمە مۇشت››نى ياخشى ئېتىپ، كەمتۈكلۈكنى تۈگىتىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىدىكى چوڭ – چوڭ پۇرسەتلەرنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىگىلەپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىنى ئاشۇرۇشنى بىرىنچى ۋەزىپە قىلىپ، مەركەز ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم يولغا قويغان تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىقتىسادنىڭ تۆۋەنلەش بېسىمىغا تاقابىل تۇرۇش، ‹‹ئۈچنى تۈگىتىش، بىرنى تۆۋەنلىتىش، بىرنى تولۇقلاش››قا مۇناسىۋەتلىك سىياسەتلەرنى تەشۋىق قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، كارخانىلارنىڭ ئاكتىپچانلىقىنى تېخىمۇ قوزغاپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، پۈتۈن يىللىق نىشان ۋەزىپىنى تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇنداشقا، شىنجاڭ ئىقتىسادنىڭ مۇقىم، ساغلام ئايلىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى خۇاڭ ۋېي ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىللىق ئىقتىسادىنىڭ ئايلىنىش ئەھۋالىنى ئۇقتۇردى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ‹‹كېيىنكى يېرىم يىللىق نۇقتىلىق ئىقتىسادىي خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئاپتونوم رايونىمىز ئىقتىسادىنىڭ سىجىل، مۇقىم ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر››نى ئىزاھلاپ ئۆتتى.

  سۆھبەت يىغىنىغا نەيىم ياسىن، نۇرلان ئابىلمەجىن، سۈن جىنلوڭ، جۇ خەيلۈن، لى ۋېي، شەۋكەت ئىمىن، ئەركىنجان تۇراخۇن، شيۇڭ شۈەنگو، شۈ خەيرۇڭ، غانىبات سابۇكەي، لى شۆجۈن، ئەركىن تۇنىياز، ما شۆجۈن، پېڭ جيارۈي، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى، خەلق ھۆكۈمىتى، سىياسىي كېڭەش، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى؛ ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەتىرىتىنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى قاتناشتى. سۆھبەت يىغىنىغا يەنە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى بۆلۈم، كومىتېت، ئىشخانا، نازارەت، ئىدارە، خەلق تەشكىلاتلىرى، ئالىي مەكتەپلەر، كەسپىي مەكتەپلەر، ئوتتۇرا، چوڭ تىپتىكى كارخانىلار، مەركەزنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئورۇنلىرىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار؛ ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىلىرى، ۋالىي، ئوبلاست باشلىقلىرى، شەھەر باشلىقلىرى، دائىمىي مۇئاۋىن ۋالىيلار، مۇئاۋىن ئوبلاست باشلىقلىرى، مۇئاۋىن شەھەر باشلىقلىرى؛ قىسمەن پۇقراۋى كارخانىچىلار ۋە سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسىنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر