باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئاسىيا ئۇل ئەسلىھەلەرگە مەبلەغ سېلىش بانكىسىنىڭ تۇنجى تاشيول تۈرى ئىش باشلىدى

پاكىستاننىڭ جەنۇبىي-شىمالىي قاتناش تىرانسپورت كارىدورى بەرپا قىلىشىغا ياردەم بەردى

2016.08.15 16:11         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: پاكىستان M4 يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى(شوركوت-خانۋال بۆلىكى) تۈرىنىڭ ئىش باشلاش مۇراسىمى 13-ئاۋغۇست پاكىستاننىڭ شەرقىي قىسمىدىكى پەنجاب ئۆلكىسىنىڭ شوركوت رايونىدا ئۆتكۈزۈلدى، بۇ ئاسىيا ئۇل ئەسلىھەلەرگە مەبلەغ سېلىش بانكىسىنىڭ تۇنجى تاشيول تۈرىنىڭ ئىش باشلىغانلىقدىن دېرەك بېرىدۇ. مەزكۇر تۈر ئاسىيا ئۇل ئەسلىھەلەرگە مەبلەغ سېلىش بانكىسى تۇنجى تۈركۈمدە مەبلەغ سالغان تۈرلەرنىڭ بىرى، شۇنداقلا ئاسىيا ئۇل ئەسلىھەلەرگە مەبلەغ سېلىش بانكىسىنىڭ پاكىستاندا تۇنجى قېتىم مەبلەغ سالغان تۈرى. قۇرۇلۇش پۈتكەندىن كېيىن، M4 يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى پەنجاب ئۆلكىسىنىڭ فاسىلابات بىلەن مولتاننى تۇتاشتۇرىدۇ، پاكىستاننىڭ قاتناش ئۇل ئەسلىھەسىنى ياخشىلاش ۋە نامراتلىقنى تۈگىتىشىدە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  M4 يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى تۈرىگە ئاسىيا ئۇل ئەسلىھەلەرگە مەبلەغ سېلىش بانكىسى، ئاسىيا تەرەققىيات بانكىسى بىرلىشىپ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش جەھەتتە قوللاپ، ئەنگلىيە خەلقئارا تەرەققىيات مىنىستىرلىقى بۇ تۈرگە ياردەم بېرىپ جەمئىي 273 مىليون دوللار مەبلەغ سالدى. بۇ يول بۆلىكىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 64 كىلومېتىر، قوش يۆنىلىشلىك تۆت ئاپتوموبىل يولى بولۇپ، M4 يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئىش باشلاش بۆلىكىكەن، ئىككى يىلنىڭ ئىچىدە تاماملاش پىلانلانغان.

  ئاسىيا ئۇل ئەسلىھەلەرگە مەبلەغ سېلىش بانكىسى ھۆكۈمەت تور پونكىتىنىڭ تونۇشتۇرىشىچە، بۇ يول بۆلىكى پاكىستاننىڭ پايتەختى ئىسلامئاباد، فاسىلابات بىلەن مولتان قاتارلىق شەھەرلەرنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك، قولايلىق ۋە بىخەتەر تىرانسپورت يولى بىلەن تەمىنلەيدىكەن. تۈر تاماملانغاندىن كېيىن، M4 يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى ئومۇميۈزلۈك ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدىكەن ۋە پاكىستاننىڭ جەنۇبىي-شىمالىي قاتناش تىرانسپورت كارىدورىنىڭ تەركىبىگە ئايلىنىپ، غەربىي شىمالدا پاكىستاننىڭ ئاساسلىق ئىقتىسادىي پائالىيەت مەركىزى پاكىستان-ئافغانىستان توكخام پورتىدىن ئۆتۈپ ئافغانىستان بىلەن تۇتىشىدىكەن، جەنۇبتا پاكىستاننىڭ ئەڭ چوڭ شەھىرى كاراچى بىلەن تۇتىشىدىكەن.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر