باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گەنسۇ ئۆلكىسى بىر مەيدان يىپەك يولى مەدەنىيەت كاتتا مەرىكىسىنى كۈتۈۋالىدۇ

2016.08.15 15:50         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گەنسۇ ئۆلكىسى بىر مەيدان يىپەك يولى مەدەنىيەت كاتتا مەرىكىسىنى كۈتۈۋالماقتا. دۈنخۇاڭ شەھىرىدىكى خەلقئارا يىغىن مەركىزى قۇرۇلۇشى پۈتۈپ، دۆلەت ئىچى ۋە چەتئەللەرنىڭ 8000 دىن كۆپرەك مەدەنىيەت بويۇملىرى بۇ يەردە كۆرگەزمە قىلىنىدۇ؛ دۈنخۇاڭ چوڭ تىياتىرخانىسىنىڭ ئىچى بېزىلىپ بولدى؛ دۈنخۇاڭ ئايردرومىنىڭ T3 ئۇچۇش بىناسى ئۇچۇشتىن بۇرۇنقى سىناقنى باشلىدى. تۇنجى نۆۋەتلىك يېپەك يولى خەلقئارا مەدەنىيەت كۆرگەزمىسى 20-سىنتەبىر دۈنخۇاڭدا ئۆتكۈزىلىدۇ. بۇ ھازىر مەملىكەت بويىچە بىر بەلباغ بىر يول خەلقئارا مەدەنىيەت ئالاقىسى ئاساسى تېما قىلىنغان بىردىن بىر دۆلەت دەرىجىلىك كاتتا مەرىكە.

  يېپەك يولى ئاسىيا ياۋرۇپا چوڭ قۇرۇقلۇقىنى كېسىپ ئۆتىدۇ، ئومۇمىي ئۇزۇنلىقى 7000 نەچچە كىلومېتىرغا يېتىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە گەنسۇ ئۆلكىسىدىكى ئارىلىقى 1600 نەچچە كىلومېتىرغا يېتىدىغان بولۇپ، جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ، غەربىي ئاسىيانى تۇتاشتۇرىدىغان قاتناش تۈگىنىغا ئايلانغان. گەنسۇ ئۆلكىسى يېپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى ئالتۇن بۆلكىنى بەرپا قىلىشنى چۆرىدەپ، يېپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ ئالتۇن يولى ، غەربكە ئېچىۋىتىش ئىستراتېگىيىلىك سەھنىسىنى بەرپا قىلىش قاتارلىق بەش چوڭ نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشماقتا.

  ھازىر گەنسۇ ئۆلكىسى 19 خەلقئارا ۋە رايون ئاۋىئاتسىيە لىنىيىسىنى ئاچتى؛ تەخمىنەن ئالتە يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت سەرىپ قىلىپ، 800 مىليارت يۈەندىن كۆپرەك مەبلەغ سېلىپ، 70 مىڭ كىلىمېتىردىن كۆپرەك تاشيول ، تۆمۈريول ياساپ، پۈتۈن ئۆلكىنىڭ ئىچى سىرتى بىلەن بولغان تاشيولنى راۋانلاشتۇرىدۇ؛ تۆمۈر يولنى تۇتاشتۇرىدۇ، ئايروپىلان ئۇچۇش يولىنى كېڭەيتىدۇ.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە: يېپەك يولى مەدەنىيەت كۆرگەزمىسىنىڭ ئورنى دۈنخۇاڭغا ماكانلاشقان بولۇپ، گەنسۇنىڭ لىنىيە بويىدىكى دۆلەتلەرگە تارقاتقان مەدەنىيەت تەكلىپىگە ئايلىنىپ، بىر بەلباغ بىر يول مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشى ، كۆرگەزمىسى، سودىسىدىكى ئەڭ چوڭ سەھنە بولۇپ شەكىللەنگەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر