باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

پۇل فوندى تەشكىلاتى جۇڭگو ئىقتىسادىغا بولغان كۆزلىمىنى ئۆستۈردى

2016.08.15 14:53         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى يېقىندا جۇڭگو بىلەن 4-ماددىلىق كېڭىشىش دوكلاتىنى ئېلان قىلىپ، جۇڭگونىڭ ئىقتىساد، پۇل مۇئامىلە ۋەزىيىتىنى تەھلىل قىلدى ۋە باھالىدى. دوكلاتتا مۇنداق دېيىلىدۇ: جۇڭگو ئىقتىسادى ھازىر داۋاملىق سىجىل يۆنىلىشكە قاراپ ئېشىپ، نۇرغۇن ساھەلەردە ئىلگىرىلەشكە ئېرىشتى. دوكلاتتا جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىگە بولغان كۆزلىمە ئۆستۈرۈلدى. 4-ماددىلىق كېڭىشىش دېگىنىمىز-خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى كېلىشىمىنىڭ 4-ماددىسىغا ئاساسەن، خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى خىزمەتچىلەر گۇرۇپپىسىنى ئەزا دۆلەتلەرگە زىيارەتكە ئەۋەتىپ، ئىقتىساد ۋە پۇل مۇئامىلە ئۇچۇرلىرىنى توپلاش ھەم بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئەمەلدارلىرى بىلەن ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئەھۋالى ۋە سىياسەتلەرنى مۇزاكىرە قىلىشنى كۆرسىتىدۇ. بۇ خىزمەتچىلەر باش ئورگانغا قايتقاندىن كېيىن بىر دوكلات تەييارلايدۇ، بۇ دوكلات-ئىجرائىيە كېڭىشىنىڭ مۇزاكىرە ئاساسى قىلىنىدۇ. خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىدا، بۇ يىل جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى %6.6 بولۇپ، يىل بېشىدىكى كۆزلىمىدىن 0.1 پوئېنت يۇقىرى بولىدۇ دەپ مۆلچەرلەندى. گۇاڭدا ئاكسىيەسىنىڭ باش ئىقتىسادشۇناسى شۈ گاۋ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى يېقىنقى مەزگىلدە كۆزلىمىسىنى %6.5 تىن %6.6 كە ئۆستۈردى، بۇ گەرچە بىزنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىللىق ئېشىش سۈرئىتى كۆزلىمىمىز بولغان %6.7 دىن سەل تۆۋەن بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ بۇ يىللىق جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا بولغان ئىشەنچىسىنىڭ خېلى ئۆسكەنلىكىنى ئەكس ئەتتۈردى، بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى يەنىلا جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىللىق ئىپادىسىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. بۇندىن باشقا، دوكلاتتا ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ھەققىدە يەنە جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى تۆۋەنلىگەن بولسىمۇ، لېكىن 2015-يىلى يەر شارى ئىقتىسادىغا تۆھپە قوشۇش نىسبىتى ئۈچتىن بىر قىسىمغا يەتتى، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىشى-يەر شارى ئىقتىسادىغا پايدىلىق دەپ كۆرسىتىلدى. جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى دۇنيا ئىقتىساد، سىياسىي تەتقىقاتخانىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى جاڭ بىن مۇنداق دېدى: %6.6 لىك كۆزلىمىدىكى ئېشىش سۈرئىتى يەر شارىدا خېلى يۇقىرى سەۋىيەدە تۇرماقتا، چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدىلەر ئىچىدە ھىندىستاننىڭكىدىن سەل تۆۋەن بولغاندىن سىرت، جۇڭگونىڭ سۈرئىتىنى يەنىلا ئەڭ يۇقىرى دېيىشكە بولىدۇ. بۇنىڭدىكى يەنە بىر ئارقا كۆرۈنۈش شۇكى، جۇڭگو ئىقتىسادى تىپىنى ئۆزگەرتىش مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ، يۇقىرى سۈرئەتلىك تەرەققىيات باسقۇچى بىلەن خوشلىشىپ بولدى. بۇ تەرەققىيات باسقۇچىدا بۇ خىل ئېشىش سۈرئىتىنىڭ بولۇشى يەنىلا ناھايىتى يۇقىرى ھېسابلىنىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر